ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ 2019 «جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2019.04.02 14:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. 2019 «جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى» 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ساموئانىڭ پايتەختى ئاپىيەدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ دوستانە بېرىش - كېلىشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان ياخشى دوستلار، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار، ئۆزئارا چۈشىنىپ ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى قېرىنداشلار، دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىماي بىردەك باراۋەر ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىلىرى. 2018- يىلى 11- ئايدا، مەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە كوللېكتىپ كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئارال دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019 «جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى»نى ئۆتكۈزۈش مەن ۋە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە كۆرۈشكەن مەزگىلدە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو خەلقى ۋە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان