ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تارىم نېفىتلىكى 30 يىلدا 350 مىليون توننا نېفىت، تەبىئىي گاز تۆھپە قوشتى

2019.04.02 14:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۇ يۈ) مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتىنىڭ تارىم نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1989- يىلى تارىم نېفىتلىكى بىرلەشمە جېڭىدىن ھازىرغىچە بولغان 30 يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىدە جەمئىي 31 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق بايقىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، 27 مىليون توننا دەرىجىلىك چوڭ نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق قۇرۇلۇپ، جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 350 مىليون توننىنى بۆسۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدا، تەبىئىي گاز بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تەبىئىي گاز ئومۇمىي بايلىق مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %60ىنى ئىگىلەيدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي گاز بايلىق مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت تەبىئىي گاز ئومۇمىي بايلىق مىقدارىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز كۆپ ساقلانغان ئويمانلىق. بىراق تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەر يۈزى مۇھىتى ناچار، يەر ئاستى شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، دۇنيادىكى نېفىت، تەبىئىي گازنى چارلاپ تەكشۈرۈش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ رايونلارنىڭ بىرى، دەپ قارالغان.

  30 يىل ئىلگىرى، تارىم نېفىتلىكى بىرلەشمە جېڭىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغانىدى. 30 يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى ئەڭ دەسلەپكى 34 مىڭ توننىدىن 2018- يىلىدىكى 26 مىليون 730 مىڭ توننىغا يەتتى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە جەمئىي تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز 220 مىليارد كۇب مېتىرنى بۆسۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى 30 نەچچە مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگرا رايونىدا ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى 3- چوڭ نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىقى ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسىي تەبىئىي گاز مەنبە رايونىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا، تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان