ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە مەسىلە

2019.04.01 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى. 4- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە مەسىلە» ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يول مەسىلىسى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى ئورۇندىكى مەسىلە، يول پارتىيەنىڭ ھاياتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى لوگىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات تارىخى لوگىكىسىنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جۇڭگو ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىلمىي سوتسىيالىزم، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم − سوتسىيالىزم، بەلكى باشقا ھېچقانداق ئىزم ئەمەس، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پىرىنسىپىنى يىتتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، يىتتۈرۈپ قويۇلسا سوتسىيالىزم بولمايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ قانداق ئىزمنى يولغا قويۇشىدا، مۇھىمى، بۇ ئىزمنىڭ بۇ دۆلەت دۇچ كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك تېمىلارنى ھەل قىلالىغان - قىلالمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، بۇ، تارىخنىڭ يەكۈنى، خەلقنىڭ تاللىشى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن دەپ ئىككى تارىخىي مەزگىل بار، بۇ، ئۆزئارا باغلىنىشلىق ھەم مۇھىم، زور پەرقى بار ئىككى مەزگىل، بىراق ماھىيەتتە ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان ئەمەلىيەت ئىزدىنىشى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي يېڭى مەزگىلىدە يارىتىلغان، بىراق يەنە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتقان ھەم 20 نەچچە يىل قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان ئاساستا يارىتىلغان. گەرچە بۇ ئىككى تارىخىي مەزگىلدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، فاڭجېن - سىياسەت، ئەمەلىي خىزمەت جەھەتتە ئىنتايىن زور پەرق بولسىمۇ، بىراق ئىككىسى ھەرگىزمۇ ئۆزئارا ئايرىۋېتىلگەن ئەمەس، تۈپتىن قارىمۇقارشىمۇ ئەمەس. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تارىخىي مەزگىل ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى تارىخىي مەزگىلنى ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى تارىخىي مەزگىل ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تارىخىي مەزگىلنى ئىنكار قىلىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ماركسىزم مۇقەررەر دەۋر، ئەمەلىيەت ۋە پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، ئۆزگەرمەي تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس، سوتسىيالىزم ئەزەلدىن يول ئېچىش جەريانىدا ئالغا ئىلگىرىلىگەن. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇشتا، سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشتا چوقۇم تەرەققىيات كۆزقارىشى بولۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆزگەرمەسلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، كومپارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچىلىرىدىن ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بىر كومپارتىيە ئەزاسى، بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىگە ئىگە - ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۈپ ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىغا، جاپادا ئالدىدا، راھەتتە كەينىدە تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىغا، تىرىشىپ خىزمەت قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىغا، پاك، ئادىل بولالايدىغان - بولالمايدىغانلىقىغا، غايىسى ئۈچۈن ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي ئېلىشالايدىغان - ئېلىشالمايدىغانلىقىغا، كۈرەش قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىغا، ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى ھەتتا ھاياتىنى بېغىشلىيالايدىغان - بېغىشلىيالمايدىغانلىقىغا قاراشتىن ئىبارەت. بارلىق گاڭگىراش، ئىككىلىنىش كۆزقارىشى، بارلىق كۆز ئالدىدىكى خۇشاللىقنى دەپ كەلگۈسىدىكى راھەتنى ئويلىماسلىق ئىدىيەسى، بارلىق شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىش قىلمىشى، بارلىق ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماسلىق ئىستىلىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ بىلەن زادىلا سىغىشالمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە