ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ 30- نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.04.01 13:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، تۇنىس زۇڭتۇڭى ئېسسېبسىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، 30- نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ تۇنىس شەھىرىدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي ئارقىلىق ھەل قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بۇلتۇر 7- ئايدا، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى. بۇ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەرىكەت خىتابنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە