ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.01 13:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم تارىخىي تۈگۈندىكى مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز قار - مۇز ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئاز بولمىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق دۇنيادىكى قار - مۇز ھەرىكىتىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ماھارەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ بولماسلىق، كەسىپ ئاساسى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قار - مۇز كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شارائىت كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش.

  (2) ئاساسىي پىرىنسىپ

  − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قار - مۇز ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمەتلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش.

  − ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشكەن، توغرا يۆنىلىشلىك ئالاقە باغلىغان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتناشقان قار - مۇز ھەرىكىتى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش.

  − مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ئاجىز ھالقىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، نىشان - تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر - بىرلەپ، تۈرمۇتۈر بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش.

  − بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش. ھازىرغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

  (3) ئاساسلىق نىشان. 2022- يىلىغا بارغاندا، تىرىشىپ دۆلىتىمىز قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئومۇملىشىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش؛ قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، 2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇز ئۈستى تۈرلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، قار ئۈستى تۈرلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ قار - مۇز كەسپىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ كۆلىمىنى روشەن كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  ئىككىنچى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش

  (4) تەييارلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. مەملىكەت خاراكتېرلىك يەككە تۈر قار - مۇز ھەرىكىتى جەمئىيەتلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ساھە ھالقىپ، تۈر ھالقىپ ئىختىساسلىقلارنى تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قار - مۇز ھەرىكىتى تۈرلىرى ۋە باشقا ھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت كوماندىسىنى كۆپ خىل تەشكىللەپ قۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشىق ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا، رىقابەتلىك - تەرتىپلىك تاللاش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قار - مۇز مۇسابىقىسى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە - يەرلىكنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە تەييارلىق كۆرۈش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.

  (5) تەييارلىق كۆرۈش كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىش. «پەن - تېخنىكا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»دە نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشىق، تەييارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ھەم بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدىكى سېتىۋېلىشنىڭ «يېشىل يول»ىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سېتىۋېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېخنىكا - تاكتىكا مەشىقى، ئۈسكۈنە، جابدۇق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەييارلىق كۆرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار جايلارنىڭ مەشىق كاپالىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە تىپىدىكى مەشىق كاپالىتى كوللېكتىپىنى تېز تەشكىللەش كېرەك. دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر مەدەنىيەت تەربىيەسى ۋە تەنھەرىكەت سېپىدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ تەييارلىق كۆرۈش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  (6) خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش. خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى، قار - مۇز ھەرىكىتى خەلقئارا تەشكىلاتى، قار - مۇز ھەرىكىتىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا قار - مۇز ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى تەتقىق قىلىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنى چەت ئەلدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك قار - مۇز ھەرىكىتى بازىلىرىغا بېرىپ مەشىق قىلىش ۋە تۈرلۈك قار - مۇز ھەرىكىتى يەككە تۈر خەلقئارا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەش، چەت ئەللەردىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنى جۇڭگوغا كېلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا، تىرېنېرلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. قار - مۇز ھەرىكىتىدىكى خەلقئارا دەرىجىلىك رېپىر ۋە تىجارەت باشقۇرۇشتىكى خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  (7) مۇسابىقە ئىستىلى، مۇسابىقە ئىنتىزامى تەلىپىنى چىڭىتىش. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ زور ئىرادە بىلەن ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، مۇسابىقە ئىستىلىنى، مۇسابىقە ئىنتىزامىنى ۋە روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسىگە قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قار - مۇزغا ئوخشاش ساپ، نۇقسانسىز ئۆتكۈزۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە
【1】 【2】  كېيىنكى بەت