ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش

ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئاۋات پەسلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا

2019.03.31 15:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى 10 مىڭ كىشى شىنجاڭدا باھار سەيلىسى قىلىش پائالىيىتى 299 يۈەنلىك شىنجاڭ ئىچى بېرىش - كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىختىيارىي ساياھىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش ۋە زاكاز قىلىش تېلېفونلىرى جىرىڭلاپ توختىمىدى.» 3- ئاينىڭ 30- كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمى شىنجاڭ چوڭ رايونىنىڭ سېتىش مەسئۇلى يۈەن شياۋيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى بۇ يىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت مەھسۇلاتى»نى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يەنە شىنجاڭنى ئايلىنىش ساياھىتى بويىچە ئۈچ بۆلەكنىڭ كۆتۈرە باھاسى 999 يۈەن ۋە بەش بۆلەكنىڭ كۆتۈرە باھاسى 1499 يۈەن بولغان ئەركىن سەپەر يۈرۈشلۈك بېلەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. كورلا ئايرودۇرۇمى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنى «نەشپۈت شەھىرىگە ئۇچۇش» ئاۋىياتسىيە ھالقىپ ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەقسىز ياتاقتا يېتىش، ئايرودۇرۇمغا ھەقسىز ئاپىرىش - ئەكىلىش، ئالمىشىشتا ئۆزى يۈك كۆتۈرمەسلىك قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىشتا پائال قولايلىق بىلەن تەمىنلىدى.

  خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىدىن باشقا، يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئاۋات پەسلىگە بەس - بەستە تەييارلىق قىلىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  4- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيەسى شىركىتىنىڭ شىئەندىن تۇرپانغىچە بولغان ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كىملىكى ۋە ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىغا ئاساسەن تۇرپاندىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار باھادىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

  جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 101نى ئىجرا قىلىشنى پىلانلىدى، قاتناش نۇقتىسى 79غا يەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندە پىلانلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 222 نۆۋەت قېتىمدىن ئاشىدۇ. ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغىچە، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتتى، ئۈرۈمچى - تەيبېي، ئۈرۈمچى - ساينت پېتېربۇرگ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، خوتەن - ئۈرۈمچى - گۇاڭجوۋ، غۇلجا - چاڭشا - كورلا، غۇلجا - ئۈرۈمچى - بېيجىڭ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئاچتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە جەنۇبىي شىنجاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بىر قىسىم شەرقىي لىنىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ياكى قاناس، نارات قاتارلىق ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىمىنى كۆپەيتىدۇ.

  5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ ۋۇخەن ئارقىلىق بىۋاسىتە سىنگاپورغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، لىنىيە ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈرۈمچى - ۋۇخەن - سىنگاپور بېرىش - كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 500 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاۋىياتسىيە 10 مىڭ كىشىنىڭ شىنجاڭدا باھار سەيلىسى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى 150تىن كۆپ ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈردى. بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە ئاممىباب ئاۋىياتسىيە ساياھەت تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تاماشا قىلىش قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇسىنى بېيىتىشنى پىلانلىدى.

  خۇبېي داچۇ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ كەي مۇنداق دېدى: خۇبېيدا نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا بەس - بەستە مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ، ئۈرۈمچى - ۋۇخەن - سىنگاپور ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئوڭۇشلۇق ئېچىلغاندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل كوپىراتىپىمىز 8000دىن 10 مىڭغىچە بولغان خۇبېيلىق ساياھەتچىنى شىنجاڭغا ساياھەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.

  شىنجاڭ شېڭشىن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شىخەنزە كۈەيلېشىڭ تارماق شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئەن فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايلىنىپ ئۇچۇش، چاتما ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەيلى ۋاقىت تەننەرخى ياكى ساياھەت خىراجىتى بولسۇن بىردەك تۆۋەنلەيدۇ، تاللاشمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ساياھەت كوپىراتىپىمىز ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان