ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ياڭ جيېچى

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تونۇشتۇردى

2019.03.31 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2018- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ 2019- يىلى 4- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى ئاممىۋى پىكىردە بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىندى. 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولداش ياڭ جيېچى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  سوئال: رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارادا كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىپ، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى. سىزنىڭچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق رول ئوينىدى؟ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بىلەن قانداق ئىچكى باغلىنىشى بار؟

  جاۋاب: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسى، بۇ، مۇھىم بولغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال قوللىشى ۋە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە 124 دۆلەت ۋە 29 خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. بولۇپمۇ يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، بۇ ھەمكارلىق مۇساپىسىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا مېخانىزملارنىڭ نەتىجە ھۆججىتىگە يېزىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلدى، بۇ، كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى ئۇتقانلىق، يوللۇقلار كۆپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىك. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، مېنىڭچە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە پائال رول ئوينىدى:

  بىرىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىققا يېڭى يۆنىلىش ئېچىپ بەردى، ئىشەنچ بېغىشلىدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، قورۇقچىللىق، بىر تەرەپچىللىك كۈچەيدى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى ئاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى يېڭى ۋەزىيەتتە ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكە كۈچ چىقارغانلىق. بۇ مۇھىم بايان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىپادىلىگىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق قارىشى، نامايان قىلغىنى كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان قوللاش، بۇ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  ئىككىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قازدى، يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى. 2008- يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش دەۋرىيلىكىنى باشلاش خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق تېمىغا ئايلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دىققەتنى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى. دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ يەر شارىۋى سودا تەننەرخىنى % 2.2- %1.1 كىچە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا - غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورىنىڭ سودا تەننەرخىنى %10.2 تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، يەنە 2019- يىلىدىكى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاز دېگەندىمۇ %0.1 ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  ئۈچىنچى، ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ئالاقىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، مەنپەئەت مۇناسىۋەت تۈگۈنىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. مۇشۇ ئاساستا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئورتاق تونۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، ئورتاق تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق مەدەنىيەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىدى، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن ھالقىدى، مەدەنىيەتتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش يولى.

  يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر كېڭىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئورتاق كېڭىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇلدى، يەر شارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇندى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ماڭىدىغىنىمىز سۆزلىشىدىغان، قارشىلاشمايدىغان، ھەمراھ بولىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان - ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان دۆلەت بىلەن دۆلەت ئالاقىلىشىدىغان يېڭى يول، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرىدىغان مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسى.

  سوئال: رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئۇ دۇنياغا مەنسۇپ، دېدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھەممىسىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. تاشقى خىزمەت نۇقتىسىدىن، سىز «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەدە ئېرىشكەن كونكرېت ئىلگىرىلەشلىرىگە قانداق باھا بېرىسىز؟ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە قانداق ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى؟

  جاۋاب: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىقتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نەتىجە كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتتى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللىشىشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. يەر شارىۋى قاتلامدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىپ، يەر شارىۋى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى. رايون قاتلىمىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2063- يىل قارالمىسى، ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق رايون تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ھەمكارلىق تەشەببۇسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قوللايدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى، يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىق شەكلى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قوشۇلدى ھەم ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىقى بويىچە ئۈچىنچى تۈركۈمدە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى تىزىملىكىنى ئىمزالىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يەر شارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى. بىز تەشەببۇس قىلغان ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى ھەمدە سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» ئىدىيەسى يەر شارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە، «ئالتە كارىدور، ئالتە يول، كۆپ دۆلەت، كۆپ پورت» ھەمكارلىقىنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان قاتتىق ئالاقە خەلقئارا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، سىياسەت ۋە قائىدە ئۆلچىمىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق ئالاقە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قاتارلىق چوڭ يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، دۆلەت ھالقىغان ئىقتىساد كارىدورى ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، تۆمۈريول، پورت، تاشيول، تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرىدىكى ھەمكارلىق پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق باغچە رايونى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان، ھەمكارلىقنى پىلانلايدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى. بىز يەنە باشلىقلار مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى قۇرۇپ، چەت ئەلدىكى داڭلىق ئەربابلارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، پورت - دېڭىز تىرانسپورتى، پۇل مۇئامىلە، باج، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق كەسپىي ساھەلەردە بىر قاتار كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇردى، يېشىل يىپەك يولى، پاك يىپەك يولى قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان
【1】 【2】  كېيىنكى بەت