ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.03.30 16:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتگۇرۇپپا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىز پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشتا، جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، پارتگۇرۇپپىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مىزان بىلەن تەمىنلەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى سىياسىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، دائىملىق ۋەزىپىسى. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچەپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، رولى گەۋدىلىك بولغان بىر پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان توپتىكى پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، ئاساسىي تېمىلىق پارتىيە كۈنى، مەركەزلىك تەربىيەلەش قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى سالماقلىققا، ئىللىقلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»نى يولغا قويۇشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار سىياسەتنىڭ تەڭكەشلىكى ۋە ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە