ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.03.29 15:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان رەھبەرلىك ئورگىنى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىچكىرىلەپ، چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  1. ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسىي پىرىنسىپ

  (1) ئومۇمىي تەلەپ. ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قەتئىي كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (2) ئاساسىي پىرىنسىپ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ مەركەزنى چۆرىدەش، قوشۇن قۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسپىي خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئورگان سىستېمىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش - يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدىلىك، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش.

  2. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك

  (3) «ئىككىنى قوغداش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا توغرىلىنىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئەستايىدىل ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پەرقنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم، يەنى پارتگۇرۇپپا، پارتكوم تەسىس قىلىنمىغان تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندە ئوخشاش)لىرى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ كونكرېت تەدبىر قىلىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ تارماق، شۇ ساھە توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەم - كوتسىز بولۇش، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم، زور ئىشلاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (4) پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشنى ئاساس خاراكتېرلىك، دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇش، پۇختا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى، ئۆزىنى چەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا سىياسىي سۆز - ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپ گەپ - سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەركەز توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدۇ، سىياسىي ئىغۋا ھەم پارتىيە ۋە دۆلەت ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان گەپ - سۆزلەرنى توقۇشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشىغا، گۇرۇھۋازلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشىغا، ئىككى يۈزلىمىچى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەربىيەلەش، ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشتىن - ئاخىر سىياسىيدا زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە خىلاپ سۆز - ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تەنقىد قىلىپ توسۇپ، مەسىلىسى ئېغىر بولغانلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

  (5) پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى دائىم ئۆگىنىش، قاتتىق ئىجرا قىلىش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىندا ئاممىنىڭ ئىنكاسى، كۆزىتىش قايتما ئىنكاسى، تەشكىل سۆھبەتكە چاقىرتىشى، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشى، شەخسلەر دوكلات قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور ئىشلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېنىق سۆزلىشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى باشلامچىلىق بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشى، مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇشى، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى تۈزۈمىنى چىڭىتىش توغرىسىدا بىرقانچە بەلگىلىمە تۈزۈش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قوش تەشكىلىي تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى ھەم يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشىگە ۋە تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە دەرسى سۆزلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەگە كىرىش قەسىمى، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى قايتا ئەسلەش ھەمدە پارتىيە ئەزالىرى «سىياسىي تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزۈش قاتارلىق سىياسىي مۇراسىملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (6) ئاكتىپ، ساغلام بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە قىزىل بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىل تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېنىدىكى ئۈلگىلەرنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەم ئاممىغا يېقىن قىممەت قارىشىنى، كەسپىي ئەدەپ - ئەخلاق قاتارلىقلارنى يەكۈنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تارماقلارنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئورگان سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  (7) پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مەسىلىلەرنى ئويلاپ، خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي جەھەتتىكى ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي ئىقتىدار بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى پائال تەشكىللەش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇھىم، زور كۈرەشلەر ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش داۋامىدىكى سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان
【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت