ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يىراققا قىلىنغان ئۇزۇن سەپەر

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىلىدىكى تۇنجى زىيارىتىدە ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە بارغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خو شياۋگۇاڭ، خاۋ ۋېيۋېي

2019.03.28 17:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شەرقىدىن چىقىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئىزچىل غەربكە قاراپ مېڭىپ، ئاپېنىن يېرىم ئارىلىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جەنۇبتا سىتسىلىيەگە، شىمالدا فىرانسىيەگە باردى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2019- يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، ياۋروپاغا كەلدى.

  ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيە. 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، ئالتە كۈندۈز بەش كېچە، ئۈچ دۆلەت بەش شەھەر، 40 نەچچە مەيدان ئىككى تەرەپ پائالىيىتىگە قاتنىشىش، دوستلۇق توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش، مەسئۇلىيەت توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش، ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش... «بىزنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشىنىشىمىز يۈز يىل، مىڭ يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتېغا شۇنداق دېدى. دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ئۇزاق ۋاقىت جۇغلىغان دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن، يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىدى.

   دوستلۇق قىسمى

  «ياۋروپا كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، 2019- يىلىدىكى تۇنجى زىيارىتىمدە ياۋروپانى تاللىدىم».

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىدىن ياۋروپانىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى قىزغىن قۇچاق ئېچىپ، ئۇزاق مەدەنىيەتكە ئىگە شەرق چوڭ دۆلىتىنىڭ بۇ داھىيسىنى قارشى ئېلىپ، جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزدى.

  ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ بۆشۈكى.

  «رەئىس شى جىنپىڭ كەلدى!» «شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپادىكى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئىتالىيە!»... جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ يەنە زىيارەتكە كېلىشى ئىتالىيەدىكى ھەرقايسى ساھەنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى، شۇ يەردىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر قىلدى.

  3- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچقۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، «مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت» بېيجىڭدىن «مەڭگۈلۈك شەھەر» رىمغا يېتىپ كەلدى.

  كۇيرىنالې سارىيى، ئىتالىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى نۇرغۇن قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى ساقلانغانلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. 3- ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ ماتارېللا بۇ يەردە رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. قەدىمىي يولدا ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى، ھەيۋەتلىك، رەتلىك ئىتالىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ مۇھاپىزىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئىچكى ئوردا مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. بۇ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىتالىيەنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل دۆلەت باشلىقىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ئاتلىق ئەترەت ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈتۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  قەدىناس دوستلار كۆرۈشكەندە ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە زۇڭتۇڭ كىتابخانىسىغا كىرىپ، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىشى، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  قارشى ئېلىش زىياپىتىگە داڭلىق ئەربابلار يىغىلدى. داڭلىق پۇتبول تىرېنېرى لىپى تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى. «رەئىس شى جىنپىڭنىڭمۇ پۇتبول ھەرىكىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولساممۇ، لېكىن تونۇشقىلى ئۇزاق بولغاندەك ھېس قىلدىم»، لىپى ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ قالتىس بىر دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن.

  ئىككىنچى كۈنى، كۇيرىنالې سارىيىنىڭ دەرۋازىسى جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى. زۇڭتۇڭ ماتارېللا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئالايىتەن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت خاتىرىلەنگەن خاتىرە ئالبومى رەئىس شى جىنپىڭغا بېرىلدى، نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلەر جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇقىنىڭ يېڭى گۇۋاھچىسى بولدى.

  موناكو، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت.

  قەدىمىي ھەم ئاددىي كوچىلاردىن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن پورتلارغىچە، جۇڭگو - موناكو ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى شامالدا جەۋلان قىلاتتى. بىر ئوماق مۈشۈكئېيىق ھەيكىلى كوچا مەركىزىدىكى گۈللۈكتە تىك تۇراتتى، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە «كىچىك دۆلەت» قويۇق جۇڭگو مەدەنىيەت ئامىلى ئارقىلىق جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

  2018- يىلى 9- ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شاھزادە ئالبېرت II رەئىس شى جىنپىڭنى موناكوغا زىيارەتكە بېرىشقا تەكلىپ قىلغانىدى.

  دۆلەت زېمىنى كۆلىمى ئىككى كىۋادرات كىلومېتىرلا كېلىدىغان، نوپۇسى 40 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان دۆلەتتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شەكسىزكى جۇڭگو يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر، دېگەن دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئىزاھاتىدۇر.

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق تېزلا زىيارەتكە كېلەلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن زور شەرەپ.» شاھزادە ئالبېرت II تاراتقۇلارغا كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىدى.

  كۆپ خىل بىناكارلىق ئۇسلۇبى يۇغۇرۇلغان موناكو خان سارىيى ھەيۋەتلىك ئىدى. خان سارىيى ئىچىدە، خان جەمەتى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان جۇڭگوچە ئۆي جاھازىلىرى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. شاھزادە ئالبېرت Ⅱ رەئىس شى جىنپىڭنى گىرىمالدى پادىشاھلىقىدا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ سۈرىتى لىق ئېسىلغان جەمەت زالىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى، جەمەت تارىخىنى تونۇشتۇردى، ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىنى بايان قىلدى.

  فىرانسىيە ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت.

  ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، تۇنجى بېكەتنى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلى شەھىرى نىسقا ئورۇنلاشتۇردى.

  3- ئاينىڭ 24- كۈنى، زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مەخسۇس پارىژدىن يېتىپ كېلىپ، قەدىمكى يۇنان بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە بورانقۇش داچىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سەمىمىي يۈز كۆرۈشتى، كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى.

  زۇڭتۇڭ ماكرون رەئىس شى جىنپىڭغا ياۋروپا ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە ئېچىۋېتىش روھىنى تونۇشتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرونغا جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سوغۇق ئۇرۇش چىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاقىلىشىش دەرۋازىسىنى ئېچىشتەك دوستلۇق تارىخىنى سۆزلەپ بەردى.

  «ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق ھېسسىياتى بار، بۇ بىر قىممەتلىك بايلىق. بىز ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدۇرۇشىمىز كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە توختىلىپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ پۇخادىن چىقمىدى، كەچلىك زىياپەت ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇزاردى. زۇڭتۇڭ ماكرون كېچىلەپ پارىژغا قايتىپ، پايتەختتە رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا يەنە تەييارلىق قىلدى.

  ئىككىنچى كۈنى چۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان نىستىن پارىژغا ئۇچقاندا، فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى پۈتۈن مۇساپىدە قوغداپ ئۇچتى. ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ ماكرون قارشى ئېلىش مۇراسىمىنى زەپەر دەرۋازىسىدا ئۆتكۈزدى. فىرانسىيە جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىدىكىلەر جەسۇر، قامەتلىك بولۇپ، جۇشقۇن ھەربىي مۇزىكىسى شىڭشىڭ مەيدانىدىن ئەتراپقا تارقالدى.

  موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ قوغدىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ئېلسې سارىيىغا يۈرۈپ كەتتى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 100دىن كۆپرەك ئاتلىق ئەسكىرى رەتلىك سەپ تۈزۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قارشى ئالدى.

  ئېلسې سارىيى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىناق كەيپىياتتا سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  پارىژدىكى ئاخىرقى كۈنىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇ كۈنى سەھەردە، زۇڭتۇڭ ماكرون ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇلى ۋە ھەربىي ئوركېستىر رەتلىك سەپ تۈزدى، بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئېلسې سارىيىغا تۆتىنچى قېتىم كىرىشى ئىدى. نىستىن پارىژغىچە، ئىككى رەھبەر كۆپ قېتىم سەمىمىي سۆزلەشتى، زۇڭتۇڭ ماكرون يەنىلا قىيماي، ئايرىلىش ئالدىدا رەئىس شى جىنپىڭنى ئېلسې سارىيىغا چاي ئىچىپ پاراڭلىشىشقا يەنە تەكلىپ قىلدى.

  بىر يۈرۈش دىپلوماتىيە يىلنامىسىگە دوستلۇق مۇساپىسى خاتىرىلەندى −

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قوشما ئاخبارات جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن يېڭى پىلان خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.

  ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  جۇڭگو بىلەن موناكو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 24 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاشمايدىغان، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشاشمايدىغان، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاشمايدىغان دۆلەتلەر دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلاندى.

  سەۋەبى تىلغا ئېلىنغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ بىر سۆزىدىكى: «بىر دۆلەتنى باھالاشتا، پەقەت كۆلىمىگىلا قاراشقا بولمايدۇ» دېگەننى نەقىل كەلتۈردى، رەئىس شى جىنپىڭ شاھزادە ئالبېرت Ⅱ گە شۇنداق دېدى. «بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىللىي خاراكتېرىمىز ۋە ئورتاق مەنىۋى ئىنتىلىشىمىز بىزنى سىرداش يېقىنلاردىن قىلدى».

  55 يىللىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدە، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ «باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى»نى ئىشلىتىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى: جۇڭگونىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى؛ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيەتكە بولغان ئورتاق ئىنتىلىشى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى؛ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش خاراكتېرى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى.

  يېڭى تارىخىي پەللىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېخىمۇ پۇختا، مۇستەھكەم، مول ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە
【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت