ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

رىمغا يېتىپ بېرىپ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2019.03.23 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ يۇڭ، خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 22- كۈنى رىمدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىغا ئىگە. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو مەنپەئەتتە كەڭ قورساق بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئالقىشلايمەن، جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ۋە قوللاپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىتالىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، كىنو - تېلېۋىزىيە، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى قاتارلىق مۇھىم، زور قارالمىلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  ماتارېللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. مېنىڭ ئالدىنقى يىلى جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىم ھېلىمۇ ھازىرقىدەكلا ئېنىق ئېسىمدە. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىدى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ يېقىن ھەم مۇھىم ھەمراھى. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىتالىيە - جۇڭگو ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدۇ، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە كېلەر يىلىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە ۋە جۇڭگو ئىلگىرى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئىككى بېشىغا جايلاشقان، بۇ، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق ئالاقە قىلىشىدىكى ۋاسىتە. ئىتالىيە رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، بۇنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى ھازىرقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە. ئىتالىيە جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تارىخىي تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىتالىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ ماتارېللا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مەيدانىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. باش باھاردىكى رىمدا مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، بىپايان ئاسمان ناھايىتى سۈزۈك ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، پارات كىيىمى كىيگەن، ھەيۋەتلىك ئىتالىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشىدا، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ ماتارېللا ۋە قىزى لاۋرا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا كۈتۈۋالدى، ئۆزئارا ھال - ئەھۋال سورىدى. ئارقىدىن، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى باشلىقى ئالدىغا چىقىپ، شى جىنپىڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماتارېللانىڭ ھەمراھلىقىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتىنى تەرتىپ بويىچە كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، زۇڭتۇڭ ماتارېللا جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ ئىتالىيە نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جەنجيې، لى جيەنمىن) 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىمغا يېتىپ بېرىپ، ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئىتالىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىدا قوغداپ ئۇچتى. شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، مەخسۇس ئايروپىلان رىم فىئۇمىستسىنو ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىقتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاس بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ئىتالىيە يېزا ئىگىلىك، ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قىزىل پايانداز ئۈستىدە ماڭدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تىك تۇرۇپ، نەزەر سالىمى بەردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 49 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئوخشىمىغان ئىجتىمائي تۈزۈم، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي، ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسى مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ماتارېللا، زۇڭلى كونتې قاتارلىق ئىتالىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئىگە بولىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى رۈييۈمۇ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

  ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە موناكو، فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان