ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ۋە ماتارېللا بىرلىكتە جۇڭگو - ئىتالىيە كارخانىچىلار كومىتېتى، جۇڭگو - ئىتالىيە 3- تەرەپ بازار ھەمكارلىقى مۇنبىرى، جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزمى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.03.23 15:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جيەنمىن، جياڭ گوپېڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 22- كۈنى رىمدا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئىتالىيە كارخانىچىلار كومىتېتى، جۇڭگو - ئىتالىيە 3- تەرەپ بازار ھەمكارلىقى مۇنبىرى، جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مېخانىزمى يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئىتالىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچ چوڭ مېخانىزم خاراكتېرلىك يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئىككى دۆلەت سودا - سانائەت، كارخانا ساھەسى، مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئوخشاشلا ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، دوستلۇقىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنىڭ ئۇلى. يىلتىز چوڭقۇر بولسا يوپۇرماق بۈك - باراقسان بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئالاقە ھەمراھلىرى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى پۇختا سىياسىي ئاساسقا ئىگە. ئىككى تەرەپلىك سودا تەكشى راۋاجلىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى رەڭدار جۇلالىنىپ، جۇڭگو - غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. مېنىڭ جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىم بار.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى ئۆتكۈزىدۇ، ھەرقايسى ساھە ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيەدىكى ھەر ساھە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو - ئىتالىيە كارخانا ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئۆز ساھەسىدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ماتارېللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مول ئاساسى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈپ، مەدەنىيەت يىپەك يولىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىتالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان