ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كاسېللاتى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فىكو بىلەن كۆرۈشتى

2019.03.23 15:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لو جۈن، خاۋ ۋېيۋېي) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 22- كۈنى رىمدا ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كاسېللاتى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوست، قەدىمكى يىپەك يولى ئىككى دۆلەت خەلقىنى زىچ باغلىغان. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم ھەمراھلارغا ئايلاندى. مېنىڭ بۇ قېتىم زىيارەتتە بولۇشتىكى مەقسىتىم جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇقىملىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامنىڭ يېتەكلىشىنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، 3- تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئېچىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يەرلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى بىلەن قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ قاتلام، كەڭ ساھە، كۆپ يوللاردا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا، قانۇن چىقىرىشنى نازارەت قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى قوللايدۇ. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى، تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كاسېللاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئىتالىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزئارا ئىشىنىپ، چوڭقۇر دوستلۇقنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى قويۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىتالىيە «كەچلىك پوچتا گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ 1000 يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئالاقىسىگە بەرگەن باھاسىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتى. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەدەنىيەت، سەنئەت، تىل، مىراسلارنى قوغداش، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياشلارنىڭ ئالاقىلىشىشىگە مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئالاقە تارىخى يېرىم ئەسىرلىك سۆھبەتلىشىش ۋە دوستلۇق تارىخى. ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتالىيە - جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، لى جيەنمىن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 22- كۈنى رىمدا ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فىكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە راۋاجلىنىشى ئاساسلىقى، بىزنىڭ تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى ئورتاقلىقىمىزدا. تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئارىسىدا تارىختىن قالغان مەسىلىلەر ۋە تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق. قەدىمكى يىپەك يولى ناھايىتى بۇرۇنلا بىز ئىككى دۆلەتنى باغلاپ تۇرغان. ھازىرغا نەزەر سالساق، يېقىنقى 100 يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولدى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىستىقبالى كەڭ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز ئىككى دۆلەت ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم يولى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىدە كۆپرەك خىزمەت ئىشلىشىنى قوللايدۇ. ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قانۇن ۋە سىياسەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ يەنە كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قوللايدۇ، ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  فىكو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. فىكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر شارىۋىلاشقان دەۋردە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىگە تايىنىشى، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئىتالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرىدۇ. ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسى ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى قاتارلىق يەر شارىۋى ئىشلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان