ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ جياڭسۇ شياڭشۈي تيەنجيايى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى «21- مارت» پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2019.03.23 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى. 3- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 14تىن 48 مىنۇت ئەتراپىدا، جياڭسۇنىڭ يەنچېڭ شەھىرى شياڭشۈي ناھىيەسى چېنجياگاڭ بازىرىدىكى تيەنجيايى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە خىمىيەلىك بۇيۇم ساقلاش باكى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى ھەم ئەتراپتىكى 16 كارخانىغا تەسىر يەتكۈزدى. پۈتۈن كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى، ھاۋادىكى بۇلغىما ماددا كۆرسەتكۈچى ئىجازەت دائىرىسىدە بولدى. ھازىرغىچە، ۋەقەدە 47 ئادەم قازا قىلدى، 90 ئادەم ئېغىر يارىلاندى، يەنە بىر قىسىم ئامما ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلاندى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. چەت ئەلگە زىيارەتكە كېتىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ۋەقە سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى پىكىر ئەھۋالى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندا، بەزى جايلاردا كەينى - كەينىدىن ئېغىر، زور بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەردى، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەردى: ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاشقا ئاتلىنىپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تالاپەتنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خەۋپ - خەتەر مەنبەسىنى كونترول قىلىپ، ئەگەشمە ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى يەنىمۇ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەم تۈگىتىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئايرىم - ئايرىم خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېغىر كېسەللەر تېبابىتى، كۆيۈك يارىسى، جاراھەت تاشقى بۆلۈمى، نېرۋا كېسەللەر تاشقى بۆلۈمى ۋە پىسخىكىلىق تەسىر قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن دۆلەت دەرىجىلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى شۇ جايغا بېرىپ تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئاجراتتى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان