ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«يېقىشلىق <سۆزلەر> − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ئىتالىيان تىلى نەشرى) كۆرسىتىلدى، تورغا چىقىرىلدى

2019.03.23 15:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شېن جۇڭخاۋ) جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن ھەم تەرجىمە قىلغان يۈرۈشلۈك سىن «يېقىشلىق <سۆزلەر> − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ئىتالىيان تىلى نەشرى) 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ ئىتالىيەدە كۆرسىتىلدى، تورغا چىقىرىلدى ھەم پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىتالىيان تىلى دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىدا تەڭ قەدەمدە كۆرسىتىلدى.

  شۇ كۈنى، بۇ يۈرۈشلۈك سىن ئەسىرى ئىتالىيە مېيدىيا سېت تاراتقۇ گۇرۇھى ۋە كارىس تاراتقۇ گۇرۇھى قارىمىقىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلدى ھەم تېرمىنال ۋە تور بېكەتلىرىدە تارقىتىلدى. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو - ئىتالىيە تېرمىنالى، ئىتالىيان تىلى تور بېكىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى قاتارلىقلاردا تەڭ قەدەمدە كۆرسىتىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى شېن خەيشيۇڭ كۆرسىتىلىش، توردا قويۇلۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىك تارىخىغا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئائىلە بىلەن دۆلەت، ئەخلاق بىلەن قانۇن قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە تەپەككۇرى جۇغلانغان. رەئىس شى جىنپىڭ قوللانغان كىلاسسىك ھېكمەتلىك جۈملىلەرنىڭ مەنبەسى دەل مۇشۇنىڭدا.

  مېيدىيا سېت تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى كون فالونېرى مۇنداق بىلدۈردى: «يېقىشلىق <سۆزلەر> − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»دىكى «دۇنيا خەلققە مەنسۇپ» قاتارلىق ئىدىيەلەر ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، ئۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا تەشەببۇس قىلىنغان تىنچ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «يېقىشلىق <سۆزلەر> − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» يۈرۈشلۈك سىندا «ئىرادە تىكلەش» «توغرا ئەخلاق» «خەلقپەرۋەرلىك» «ۋاپادارلىق» «دۇنيا خەلققە مەنسۇپ» قاتارلىق تېمىلار چۆرىدىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ سۆز، ماقالە ۋە سۆھبەتتە نەقىل كەلتۈرگەن ھېكمەتلىك سۆز - جۈملىلەر تاللاپ ئېلىنغان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى جانلىق نامايان قىلىنغان. بۇ سىن ئەسىرى ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، كورېيان تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى ھەم ئېلان قىلىندى، چەت ئەللەردىكى 100 مىليوندىن ئارتۇق قوبۇل قىلغۇچىنى قاپلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان