ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى، موناكو كىنەزلىكى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى

2019.03.22 14:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، ئۇ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى ماتارېللا، موناكو كىنەزلىكىنىڭ دۆلەت باشلىقى شاھزادە ئالبېرت II، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان