ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئادا كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.03.22 14:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. 3- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈزبېرىپ، زور تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن زۇڭتۇڭ جوكا ئارقىلىق كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  بىز ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن ئوخشاشلا ئازابلاندۇق. مەن ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ جوكا ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھىندونېزىيە خەلقى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان