ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

موزامبىك، زىمبابۋې، مالاۋىنىڭ كۈچلۈك ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئۈچ دۆلەت زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.03.22 14:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. 3- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇكشى، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا ۋە مالاۋى زۇڭتۇڭى مۇتالىكاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، موزامبىك، زىمبابۋې، مالاۋى ئۈچ دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسسىق بەلباغ سىكلونى «يىدەي» موزامبىك، زىمبابۋې، مالاۋىدا زور تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەمدە يارىلانغانلار ۋە ئاپەت رايونىدىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئۈچ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن جۇڭگو تەرەپ ئوخشاشلا ئازابلاندۇق. ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۈچ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرت - ماكانىنى بالدۇر قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان