ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى باك بىلەن كۆرۈشتى

2019.03.21 18:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 20- كۈنى خەلق سارىيىدا ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى باك بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ باكنىڭ خارۋارد داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق چەت ئەلگە قىلغان زىيارىتىدە جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى، بۇ، مەكتەپ مۇدىرى باكنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مائارىپ ئالماشتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، دەپ تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مائارىپ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. باشقا تاغنىڭ تاشلىرىدىن قاشتېشى ئويغىلى بولىدۇ. بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىلھام بېرىمىز، جۇڭگو - چەت ئەل مائارىپ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقىنى قوللايمىز، جۇڭگو - ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندا، ئۇمۇ جۇڭگو - ئامېرىكا مائارىپ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن بولغان. جۇڭگو مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بىز مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىمىز. بۇ جەرياندا، بىز خارۋارد داشۆسى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى مائارىپ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز.

  باك شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. باك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خارۋارد داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىمدە جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن بۇ قېتىملىق زىيارەتتە خارۋارد داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى سالاھىيىتىدىلا ئەمەس، يەنە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا - جۇڭگو مائارىپ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم. ئامېرىكا - جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرى قاتارلىق مائارىپ - مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى ساقلىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. خارۋارد داشۆسىدە زور تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بار، خەنزۇ تىلىنىڭ چەت ئەل تىللىرى ئىچىدە ئومۇملىشىش نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئۇنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، خارۋارد داشۆسى جۇڭگودىكى مائارىپ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  سۈ چۈنلەن، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە