ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

− 2019- يىل 3- ئاينىڭ 8- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا بېرىلگەن

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ

2019.03.20 15:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەكىللەر:

  مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىنغا خىزمەتتىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىققايسىلەر.

  ئۆتكەن بىر يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىدىغان مەزگىل دەل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  1. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق

  دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىنى، روھىي ماھىيىتىنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇ ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇردى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈردى. مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە ۋە مۇھاكىمىگە تەشكىللەپ، 31 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكىلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر قاتناشقان ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىش تەلىپى قويۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغان، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

  پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشتىن 10 قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش - تەرەققىي قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلىپىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. نۆۋەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يېڭى ۋەكىللەر كۆپ بولۇشتەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋەكىللەرنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 1300دىن ئارتۇق ۋەكىلنى تەربىيەلىدى، بۇ، يېڭى ۋەكىللەرنىڭ %59ىنى ئىگىلەيدۇ. ئايرىم - ئايرىم تۈردە ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆگىنىش كۇرسى ئاچتى. كۇرسقا 3200 ئادەم قاتنىشىپ، تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ۋە ئىدىيەدە قوراللاندۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچىنى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتۇق، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق.

  2. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدۇق

  قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ روشەن تەشەببۇسى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا 3 قېتىم مۇھىم تەستىق سېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىشى، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشى، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇننى قوغدىشى، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە دائىر مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، كۈرەش نىشانى ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. دائىمىي كومىتېت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش - يولغا قويۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىگە ۋە تۈزىتىلگەن ئاساسلىق مەزمۇنغا بولغان ئۆگىنىش - تەشۋىقاتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش - يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، 5- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇنى كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس تېمىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، لېكسىيە - دوكلات يىغىنى چاقىرىپ، نەزەرىيە ماقالىلىرىنى يېزىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، ئۇ خەلقنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىغا ئايلاندى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  دائىمىي كومىتېت ئاساسىي قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇردى ھەمدە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن بويىچە، تەڭشەپ تەسىس قىلىنغان ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش قاتارلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش خىزمەت كۈچى ۋە تەشكىلىي كاپالىتىنى كۈچەيتتى. دېلونىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغاننىڭ ھەممىسىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق كۆرۈلگەنلىرىنى جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن تۈزۈم، پىرىنسىپ، قائىدىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەنگە ئېلىشقا يوللىغان مەمۇرىي نىزامدىن 40نى، يەرلىك نىزامدىن 1180نى، ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتىن 18نى ئەستايىدىل تەكشۈردى. پۇقرالار، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈش تەكلىپىدىن 1229نى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا زىت كېلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش - يولغا قويۇش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇن ئورنى، قانۇن نوپۇزى، قانۇن ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلدى، پۈتكۈل جەمئىيەت دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى تولۇق ئەكس ئەتكەنلىكى، خەلقنىڭ ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى تولۇق قوغدالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  3. يېڭى دەۋردە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق

  دائىمىي كومىتېت ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، دائىمىي كومىتېت قانۇن چىقىرىش خىزمەت يىغىنى ۋە جايلارنىڭ نىزام چىقىرىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇردى. قانۇندىن 8نى چىقاردى، 47 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، قانۇن مەسىلىسىگە ۋە مۇھىم مەسىلىگە ئالاقىدار قاراردىن 9نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ خىلغا ئايرىلدى: بىرىنچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىنى چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى؛ ئىككىنچىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق زور ئىسلاھاتلارنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئۈچىنچىسى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەدىكى قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىدى.

  2018- يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تەجرىبىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قانۇنچىللىقتىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاشقانسېرى قانۇنچىللىقنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك. دائىمىي كومىتېت يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىقتىساد ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى تېزلەتتى، كۆپ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرى بىلەن ئەمەلىي تەرەققىيات ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. قانۇنچىللىقنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئۇ يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. دائىمىي كومىتېت قانۇن لايىھەسىنى ئىككى قېتىم قاراپ چىقتى. ئىشىنىمىزكى، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، بۇ زور قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى جەزمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغۇسى. دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ بازار كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ساھەدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار نەچچە ئون مىليونغا يېتىدۇ، تىرىليونلىغان ئىستېمالچىغا بېرىپ چېتىلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ۋە بازار ئادىللىقىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، كەڭ ئىستېمالچىلار، سۇپا تىجارەتچىلىرى، تور تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى، بازار تەرتىپىنى ۋە ئادىل رىقابەتنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى دەپ قاراۋاتىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى يېزا يەر تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى قانۇن جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ يەر ھۆددىگەرلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دائىمىي كومىتېت يەنە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى قانۇنى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى قانۇنىنى تۈزۈپ، شىركەت قانۇنى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى، ئېلېكتىر كۈچى قانۇنى، پورت قانۇنى، كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇ ساھەدىكى ئىسلاھات - تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى تەستىقلىغان ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قارار چىقىرىش ئارقىلىق، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان دۆلەت چېگراسى سەھىيە - كارانتىن قانۇنى قاتارلىق 32 قانۇننىڭ 316 ماددىسىغا بىرتۇتاش تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جۇڭگو دېڭىز ساقچىسى ئىدارىسى دېڭىزدا ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قارارى چىقىرىپ، ئوت مۇداپىئەسى - قۇتقۇزۇش ئۇنۋانى نىزامى تۈزۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ قانۇنلارنى تەڭشەشكە قويغان تەلىپىگە ۋاقتىدا ماسلىشىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپلىك جىپسىلىشىشىغا، خىزمەتنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەمۇرلار قانۇنىنى تۈزىتىپ، ۋەزىپە بىلەن دەرىجە تەڭ مېڭىشتەك ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ، مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلەتتى. خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىلىي قانۇنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەشكىلىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلاردا قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ھەمكارلىشىش قانۇنىنى چىقىرىپ، شاڭخەي پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش، پاتېنت قاتارلىق بىلىم مۈلۈك دېلولىرىنىڭ دەۋا قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بىرقانچە مەسىلە ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى. كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  دائىمىي كومىتېت خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ساھەسىدىكى قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش يولى بىلەن خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى تۈزۈش پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى، دائىمىي كومىتېت ئىلگىرى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ئاساسىدا تۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، 6 بۆلۈملۈك 1034 ماددىلىق ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈم لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقتى، بۆلەكلەرگە بۆلۈپ توختام بۆلۈمى، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى بۆلۈمى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى، 2020- يىلى ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپە - نىشانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىدى. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج سېلىقى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە تەخمىنەن 80 مىليون ئادەمنىڭ ئىش ھەققى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىندى. ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلدى. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ساھەسىدە قانۇن چىقىرىش خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دائىمىي كومىتېت ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنى ئىككى قېتىم قاراپ چىقتى. چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتى ۋاكسىنا دېلوسىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، دائىمىي كومىتېت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاكسىنا باشقۇرۇش جەھەتتە مەخسۇس قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىپ، ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىپ، تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئالدىنى ئېلىش، ۋاكسىنا ئەملەشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەرياننى قاپلىغان ۋاكسىنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇنى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان
【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت