ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىدىكى ئىلمىي ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاش

− مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيانقى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ خاۋ، شى يۈسېن

2019.03.18 16:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاساسى ئەخلاق ئارقىلىق روھنى تاۋلاشتا.

  2016- يىلى 12- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

  مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدىن مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت مائارىپ سېپىدە يىغىننىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دەرسلىك ياخشى تۈزۈلۈپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، پەنلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، قوشۇن زورايتىلىپ، ئاپپاراتلار كۈچەيتىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىدىكى ئىلمىي ئىدىيەۋى ئاساس يەنىمۇ پۇختىلاندى.

  ئومۇمىي گەۋدە بويىچە پىلانلاپ، سىستېمىلىق لايىھەلەش، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش

  قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش − بۇ دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تۈپ مەسىلە، شۇنداقلا كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان دەۋر تېمىسى.

  سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتۇش سۈپىتى يىلى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنى باشلاش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىش، «يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئاساسىي تەلەپلەر» «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ <ۋەزىيەت ۋە سىياسەت> دەرسلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىش ... مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى ياخشى يولغا قويۇشنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە پىلانلاشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى.

  ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بىۋاسىتە قارايدىغان، مۇستەقىل بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى 2- دەرىجىلىك ئاپپاراتى قۇردى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە %85.2 ئالىي مەكتەپتە مۇستەقىل 2- دەرىجىلىك ئاپپارات تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى 1109 بولۇپ، تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %89.5 ىنى ئىگىلىدى.

  سىياسەت دەل، ئەمەلىي بولدى، تەدبىرلەرنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كىشىنى خۇشال قىلدى.

  2017- يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولى كۆرۈنەرلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى، ئېرىشىش تۇيغۇسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇنغان.

  دەرسلىك ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېنىق داۋلىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

  مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، دەرسلىك بولسا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.

  2017- يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دەسلەپكى يىللىق سىنىپتىكى بالىلار مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش تۈزگەن ئۈچ پەن دەرسلىكىنى قولىغا ئالدى.

  دەرسلىكنى ۋاراقلىغاندا، پېرسوناژلار جانلىق، تەسىرلىك، تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر ئىدى، بالىلار سىستېمىلىق ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈردى. قايتا ئەھۋال ئىگىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، %92 ئوقۇتقۇچى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق دەرسلىكىدىن رازى بولغان، %82 ئوقۇغۇچى يېڭى دەرسلىكنى ياقتۇرغان.

  2017- يىلى دۆلەت دەرسلىك كومىتېتى قۇرۇلدى. ھازىر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك ئۆلچىمى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بېسىپ تارقىتىلدى، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق دەرسلىكى ھەرقايسى يىللىقلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، بىرتۇتاش تۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىكىمۇ بېسىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكىگە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يېڭى دەرسلىك بويىچە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، يېڭى دەرسلىكنى ياخشى ئۆتۈش، يېڭى دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ياراتتى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن بولۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سىگە ئايلاندى. مەملىكەت بويىچە تىزىملىنىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى بويىچە مەخسۇس، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى.

  «مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى توردا كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش سۇپىسى» قۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، زور بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ئىقتىدارى، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

  بىر تۈرلۈك 30 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا يۈزلەنگەن سوئال - جاۋاب قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %91.8 ئوقۇغۇچى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقى ياكى بىر قەدەر ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  باھار شامىلى بىلەن ئىللىتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش

  ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس «ئاممىبابلاشتۇرۇلمىسا» بولمايدۇ، «ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش» ھەممىدىن مۇھىم.

  «سىز ئۈمىد قىلىدىغان جۇڭگوچە يېزا - كەنت قانداق بولسا بولىدۇ؟» «ئەگەر سىز ۋەكىل، ئەزا بولسىڭىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قانداق مېڭىش كېرەك؟ كۆپچىلىكمۇ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ سۆزلەپ بېقىڭلار.» شەرقىي شىمال داشۆسىدە، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتتىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار، ئىدىيەدە گاڭگىراپ قالغان نۇقتىلار ۋە نەزەرىيەدە ئىنتىلىدىغان نۇقتىلارنى ئىگىلەپ، نىشانلىق دەرس تەييارلىدى، دەرس ئۆتتى.

  مۇنبەردە ئىككى ئوقۇتقۇچى «شەھەرگە كىرىش ياكى يۇرتىغا قايتىش»نى چۆرىدەپ كەسكىن مۇنازىرىلەشتى؛ مۇنبەر ئاستىدا، ساۋاقداشلار بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن «دەرس ئۆتۈشكە ئازراقتىن سۆز قىستۇرۇش» «دەرس ئۆتۈشكە ئازراقتىن باھا بېرىش» ئارقىلىق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پىكىر قاتناشتۇردى. خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئومۇمىي تەدبىرىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  چىڭخۇا داشۆسىنىڭ «دەرسلىككە قاراپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى»، جېجياڭ داشۆسىنىڭ «كۆرۈنۈشلۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى»، جياڭشى سىفەن داشۆسىنىڭ «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى... كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوقۇتۇشتا يېڭىلىق يارىتىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى تېخىمۇ «مەنىلىك» «ھەممە ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان» «ھەقىقىي ئىشىنىدىغان» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، بەزى دەرسخانىلار «يوقلىما قىلىنىدىغان دەرسخانا»دىن «توردا داڭ چىقارغان دەرسخانا»غا ئايلاندى.

  تىل - يېزىق، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە ساۋاتلىرى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ ئىلمىي روھ، ئىلمىي پوزىتسىيە قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىل يېڭىلىق يارىتىش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىدىيەۋى پەزىلەت تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىم - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئېستېتىك قىزىقىشنى ئۆستۈرۈش، ئىرادە - پەزىلەتنى تاۋلاش؛ تۇرمۇش ماھارىتى، ئەمگەك ئادىتى ۋە ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش… ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ھەرقايسى پەن دەرسلىكلىرىنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بىرىكتۈردى، سىڭدۈردى.

  گۈلنى يىلتىزىدىن سۇغىرىش، ئادەمنى قەلبتىن تەربىيەلەش كېرەك.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەربىيەلىسەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى جەزمەن ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى جەريانىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە