ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

− 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا بېرىلگەن

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

2019.03.17 16:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەكىللەر:

  ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  1. 2018- يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

  ئۆتكەن بىر يىل − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان تۇنجى يىل. دۆلىتىمىز تەرەققىياتى كۆپ يىللاردىن بېرى كەم كۆرۈلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادتا يېڭىدىن تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى كۆرۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېڭى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق.

  − ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى%6.6 ئاشتى، ئومۇمىي مىقدارى 90 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن توك ئىشلىتىش، يۈك تىرانسپورتى قاتارلىقلارنىڭ ماددىي بۇيۇم مىقدار كۆرسەتكۈچى ئۆزئارا لايىقلاشتى. ئاھالە ئىستېمالىنىڭ باھاسى %2.1 ئۆرلىدى. خەلقئارا كىرىم - چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتى. شەھەر - بازارلاردا 13 مىليون 610 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئەتراپىدىكى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە مۇقىم تۇردى. 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  − ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيدى. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى تۆھپە نىسبىتى %60كە يېقىنلاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بىلەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئادەتتىكى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى، يېزا ئىگىلىكىدە يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %3.1 تۆۋەنلىدى. سۈپەت ۋە ئۈنۈم داۋاملىق ئۆستى.

  − تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى تېز يېتىلدى. چاڭئې 4- نومۇر قاتارلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى بىر تۈركۈم زور نەتىجىلەر ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 18 مىڭدىن، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. يېڭى قۇۋۋەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

  − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، بازار ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سودا مۇھىتىنىڭ خەلقئارا رەت تەرتىپى زور ھەجىمدە ئۆستى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى. مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 138 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە مۇقىم ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  − ئۈچ چوڭ جەڭ ياخشى باشلاندى. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ئۇ پەسەيتىلدى. ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتى تۇراقلىشىشقا يۈزلەندى، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلاشتى. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزىلاردا 13 مىليون 860 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلدى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە 2 مىليون 800 مىڭ نامرات ئاھالە يۆتكەپ كۆچۈرۈلدى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىشى كۈچەيتىلدى، ئۇششاق دانچىلەر (2.5 PM) نىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  − خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.5 نەق ئاشتى. شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى، باج ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان قوشۇمچە ئالتە تۈر تەسىس قىلىندى. ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش قاتارلىقلارنىڭ كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلدى، ھەر خىل مەكتەپلەردە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئاز كەم 100 مىليون ئادەم قېتىم ياردەم بېرىلدى. كەپە ئۆي رايونىدا 6 مىليون 200 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىپ سېلىندى، يېزىلاردا 1 مىليون 900 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى. شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى.

  بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە ئېلىپ بارىدىغان قەتئىي ئىرادىمىزنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يەنە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردۇق.

  ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى. بىز چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلدۇق. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلدى، كۆپ تەرەپچىلىك زەربىگە ئۇچرىدى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا، تىجارىتىگە ۋە بازار كۆزلىمىسىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. بىز ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق گەۋدىلەنگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. كونا - يېڭى زىددىيەتلەر ۋە دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادىي يۈرۈشۈش مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگەردى، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. بىز ئىككىدىن بىرنى، كۆپتىن بىرنى تاللايدىغان قىيىن مەسىلىلەر كۆپىيىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدۇق. مۇقىم ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق نىشانغا يېتىشتە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلار بىلەن يىراق كەلگۈسىدىكى ئىشلار قاتارلىق كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشتا سىياسەتنى تاللاش ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرۈنەرلىك قىيىنلىشىپ كەتتى. مەملىكەت بويىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز يۇقىرى ئاساس سان ئاساسىدا ئومۇمەن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقتا مۇقىملىق ساقلاندى. بۇ ھال جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭەلەيدىغان جاسارەتكە، ئەقىل - پاراسەتكە ۋە كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ، سېلىنما ۋە كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

  بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ قالدۇق. يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىش ئالدىدا، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» پەدىسىدە كۈچلۈك قوزغىتىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماي، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دائىرىلىك تەڭشەش - تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تەڭشەش ۋە مىكرولۇق تەڭشەش يولىنى تۇتتۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە كۈچىدۇق. قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، كەشىپ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش جەھەتلەردىكى باج سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا كارخانا ۋە شەخسلەردىن ئېلىنىدىغان باج ۋە ھەقنى تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ئازايتتۇق. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مالىيە زاپاس مەبلىغىنى جانلاندۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە قىلىنىدىغان چىقىمنى كاپالەتلەندۈردۇق. پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەتكار بولۇشقا يېتەكلىدۇق. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم تۆۋەنلەتتۇق، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانا ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ قىسچىلىقىنى تىرىشىپ پەسەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ئۆرلەپ كېتىش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلىدۇق. پاي بازىرى ۋە زايوم بازىرىدىكى نورمالسىز داۋالغۇشقا ۋاقتىدا تاقابىل تۇردۇق، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىندى.

  ئىككىنچى، ئۈچ چوڭ جەڭنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە پائال ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتۇق ۋە تەرتىپلىك يولغا قويدۇق. قۇرۇلما خاراكتېرلىك پىشاڭ تۈگىتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى تىزگىنلىدۇق، ئۆي - زېمىن بازىرىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، نامرات رايونلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ساپ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. ئېنېرگىيە ۋە تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدۇق. شىمالىي رايونلاردا «كۆمۈر ئورنىغا گاز ئىشلىتىش»، «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نى سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتۇق. خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى تۆۋەنلەتتۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتىكى تەكشۈرۈش - قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتۇق. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن تاقابىل تۇردۇق.

  ئۈچىنچى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتۇق. «تۈگىتىش، بەرپا قىلىش، تۆۋەنلىتىش» سالمىقىنى ئاشۇردۇق. پولات - تۆمۈر، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. سېلىنمىنى تۇراقلاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش نەتىجىسىدە، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ۋە ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. ئاھالە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. «ئالاقە تورى+»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنى قوللىنىپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتتۇق. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش ئىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى مەملىكەت بويىچە يولغا قويدۇق، كارخانا ئېچىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى زور دەرىجىدە قىسقارتتۇق، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىجازەتنامىسى تۈرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى قىسقارتتۇق. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەر خىل ھەقلەرنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، تور ئىشلىتىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. «ئالاقە تورى+مەمۇرىي مۇلازىمەت»نى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، جايلار بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يەنىمۇ قولايلاشتۇردى.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق. پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتتۇق. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتتۇق، تەتقىقات - كەشپىيات خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى بارلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيتتۇق. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئىشىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق، تېخنىكا توختامى بويىچە پۈتۈشۈلگەن سومما %30تىن كۆپرەك ئاشتى. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %58.5كە ئۆرلىدى.

  بەشىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتۇق. دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، دۆلەت كارخانىلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، قايتا تەشكىللەش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق. مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بازارلىشىش يولى بىلەن شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش جەھەتتە، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈمىنى سىجىل قوزغاتتۇق، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق. تاشقى سودىنى تۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى يېرىمدىن كۆپرەك قىسقارتتۇق. بىر قىسىم تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى %9.8تىن %7.5كە چۈشۈردۇق. بىر تۈركۈم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ كېڭەيتتۇق. تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى زور ھەجىمدە قىسقارتتۇق، پۇل مۇئامىلە، ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەردە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنى ئاز كەم %70 كۆپەيتتۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】  كېيىنكى بەت