ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

زۇڭلى لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم سوئاللارغا جاۋاب بەردى

2019.03.16 18:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- ئاينىڭ 15- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىڭ گۇاڭلى فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بۇلتۇر، جۇڭگو بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇل شەرتىنى بوشاشتۇردى، يەنە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇ يىل جۇڭگو پۇل شەرتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىپ، باجنى يەنىمۇ كېمەيتىپ، ھەقنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، يەنە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوراپ باقسام، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئىلگىرى پەرەز قىلىنغاندىكىدىن تېخىمۇ ئېغىرمۇ - ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى سىجىل داۋاملاشسا، جۇڭگو تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشامدۇ - يوق؟ بۇ، ئۆي - مۈلۈك چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟

  لى كېچياڭ: بۇ مۇخبىر دوستىمىز گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇل دېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنداقتا مەنمۇ سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەي. جۇڭگو ئىقتىسادى دەرۋەقە يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى، ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىمۇ ئاستىلاۋاتىدۇ، بۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بىرقانچە چوڭ خەلقئارا نوپۇزلۇق ئاپپاراتنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى كۆزلىمىنى تۆۋەنلەتتى. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى كۆزلىمە نىشاننى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشتە، مۇۋاپىق ئارىلىقتا تەڭشەش - تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەم بۇلتۇرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇردى، ھەم بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتىن چىقىرىۋەتمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بازارغا تارقىتىلغىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىگنالى.

  بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەر جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، خەلقئارا سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈش ئارقا كۆرۈنۈشى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا %6.6لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 90 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، مۇشۇ ئاساستا بۇ يىل ئىقتىسادنى %6تىن %6.5كىچە ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى، بۇ، يۇقىرى ئاساسىي سان، زور ئومۇمىي مىقداردىكى ئېشىش، بۇنىڭ ئۆزىنىلا ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ.

  ئەلۋەتتە، يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، كۈچلۈك تەدبىرلەر بولۇشى كېرەك. بىر خىل چارە مىقدارلاشتۇرۇش، كەڭ قويۇۋېتىش، پۇلنى زىيادە تارقىتىپ، قىزىل رەقەم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئاتالمىش «باستۇرۇپ سۇغىرىش» ئېلىپ بارغاندا، بىر مەھەل ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن، بىراق تۇرۇپنىڭ بازىرى چىققاندا لېيىنى يۇيۇۋەتمىگەندە، ئاسارەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا قوللىنىشقا بولمايدۇ. بىز يەنىلا بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئالدىنقى يىللاردا، بىزمۇ تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش تەدبىرىنى قوللاندۇق، چۈنكى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلسا، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مۇقەررەر كۈچىيىدۇ.

  ھازىر جۇڭگودا بازار سۇبيېكتى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلسا، بۇ كۈچنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. بىز يەنە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ قىممىتى ئىزچىللىقتا، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈش، بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش، ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بازارنى باغلاقتىن بوشىتىپ، كارخانىلارغا ئورۇن چىقىرىپ بېرىپ، پۇقرالارنى غەمدىن خالاس قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچىنى قويۇپ بەرگەندە، بىز چوقۇم ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىيالايمىز، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولالايمىز.

  ئەلۋەتتە، بۇ يىل ئېنىقسىز ئامىللار ئاز ئەمەس، بىزدە يەنە تېخىمۇ كۆپ تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى بولۇشى، سىياسەت بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بۇ يىل بىز قىزىل رەقەم نىسبىتىنى %0.2 پوئېنت ئۆستۈرۈپ، %2.8كە يەتكۈزدۇق، خەلقئارادىكى ئاتالمىش %3لىك ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمىدۇق. بىز يەنە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى، ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش سانلىق مىقدار تىپى ياكى باھا تىپى قورالىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ، بۇ، پۇلنى بوشاشتۇرغانلىق بولماستىن، بەلكى ئەمەلىي ئىقتىسادنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاشقا ئېرىشتۈرگەنلىك. مەيلى قانداق يېڭى ئەھۋال يۈزبېرىشتىن قەتئىينەزەر، بىز مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايمىز، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلايمىز، بۇنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگو ئىقتىسادى باشتىن - ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىدىكى بىر مۇھىم «مۇقىملىقنىڭ لەڭگىرى»گە ئايلىنىدۇ.

  «سەيشىن ھەپتىلىك ژۇرنىلى» مۇخبىرى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى چىقاردى، نۇرغۇن كارخانىچى كارخانا بېجىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى، بۇ يىل ھۆكۈمەت تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى چىقاردى، سوراپ باقسام، سىزنىڭچە كارخانىلار نەپكە ئېرىشەلەمدۇ؟ مالىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولامدۇ؟

  لى كېچياڭ: يېقىنقى نەچچە يىلدا، بىز تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى كارخانىلار ئۈچۈن 1 تىرىليون يۈەن، ئۈچ يىلدا 3 تىرىليون يۈەن باجنى كېمەيتتۇق، ھەقنى تۆۋەنلەتتۇق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىزنىڭ باجنى كېمەيتىش كۆلىمىمىز بىر قەدەر زور. بۇ يىل قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تېخىمۇ زور كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش پايدىسىنى 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتۇرىمىز. بۇنى ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇچلۇق تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ.

  بۇنداق قىلىش ئادىل بولۇشقا پايدىلىق، چۈنكى قائىدىگە ئاساسەن، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا سىياسەت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بىر قېتىمدىلا ئۈزۈل - كېسىل تاماملىنىپ، بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە يېتىپ بارىدۇ. 4- ئاينىڭ 1- كۈنى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ خىل چارىدەك كارخانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقا چارە تېخى يوق.

  بۇ يىل تېخىمۇ زور كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىسلاھات ۋە مۇھىم تاللاش. ئىلگىرى بىز قايتا - قايتا مۆلچەر بويىچە ھېسابلاپ، كۆپ خىل لايىھەلەرنى تۈزگەن، بىر خىلى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا ھەر يىلى قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى %1 پوئېنت تۆۋەنلىتىش، لېكىن نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا كارخانىلار چوڭقۇر ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60ىنى ئىگىلىگەن ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى %3 پوئېنت تۆۋەنلەتتۇق، بىناكارلىق قاتارلىق بىر قىسىم ساھەلەردە %1 پوئېنت تۆۋەنلەتتۇق، باشقا بارلىق ساھەلەردىمۇ پەقەتلا كېمەيتىش، ئاشۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. باج تۈزۈمى سەۋەبى تۈپەيلىدىن، ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، بەزى ساھەلەردە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ئازلاپ كېتىپ، باج كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن، بىزمۇ ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا قارىتا، ياماق ياماش چارىسى قوللاندۇق ھەم بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى باج كېمەيتىشنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق بارلىق ساھەلەردە باج سېلىقىنى پەقەتلا كېمەيتىش، ئاشۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىگە قارىتا، بىز يەنە ئەسلىدە بەلگىلەنگەن %20تىن %16كە تۆۋەنلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.

  باج كېمەيسە، كىرىممۇ ئازىيىدۇ. بىز بۇ يىل مالىيە چىقىمى بىلەن GDPنىڭ ئېشىشىنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چىقىمىنى پەقەتلا ئاشۇرۇپ، كېمەيتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۇنداقتا كىشىلەر پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ قىزىل رەقەم پەقەت %0.2 پوئېنتلا ئۆستۈرۈلگەن تۇرسا، بۇ كامارنى تولدۇرغىلى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ سورىشى مۇمكىن، بىزنىڭ چارىمىز شۇكى، ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى چىقىملىرىنى ئازايتىپلا قالماي، بەلكى مۇئەييەن دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت خەزىنىسىگە كىرگۈزۈش ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك چۆكمە مالىيە مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق بىز 1 تىرىليون يۈەن مەبلەغ توپلىدۇق. بىز يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئۆزىنىڭ تەييارلىقىنى تولۇق قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارغا بىز مۇۋاپىق يۆتكىمە چىقىم مەدىتى بېرىمىز. زور كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ھۆكۈمەتنىڭ ساقلانما پايدىسىغا تېگىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى كەسكەنلىك بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇنى بىر تۈرلۈك پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قاراتقان، كەسكىن ئىش تۇتقان ئىسلاھات، دەيمەن.

  بايا مۇخبىر بۇنداق قىلغاندا مالىيە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، بىزمۇ ئەستايىدىل ھېسابلاپ باقتۇق. بىز ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئۇل ساھەلەرگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش دائىرىسى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتا باجنى كۆرۈنەرلىك كېمەيتتۇق، بۇ ئەمەلىيەتتە «سۇنى جىقلاپ بېلىق بېقىش»، مالىيە مەنبەسى يېتىشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش داۋامىدا، دەسلەپتە مالىيە كىرىمىمۇ كېمەيگەن، ئەمما كېيىن باج ئاساسى كېڭىيىپ، مالىيە كىرىمى ئاشتى. ھازىر قارىغاندا، بىز يەنە خەلقنىڭ كىرىم تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىمىز كېرەك، بۇمۇ بىر تۈرلۈك ئىسلاھات. يۈزلىنىش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا، كارخانىلارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ كىرىم تەقسىماتى تورتىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى تېخىمۇ زورايتىشىمىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تېخىمۇ كۆپ تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك، ھۆكۈمەتنىڭ ساقلانما پايدىسىغىمۇ تېگىش، باشقىلارنى رەنجىتىدىغان ئىش بولسىمۇ تېگىش، پايدىنى كارخانىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش، پايدىنى خەلققە ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا مالىيە ئاندىن تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولىدۇ، ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەلكىم سوئال بەلگىسى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز كەلگۈسى ئۈچۈن ئالدىن چىقىم قىلىش بولماستىن، دەل كەلگۈسىنى يېتىلدۈرۈشتۇر.

  ھازىر شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پۇل - مال تەييار بولدى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، سىياسەتتە «ئاق ھۆججەت بېرىش»كە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ قالايمىقان ھەق ئېلىش ئارقىلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە زەربە بېرىشكە تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ، كارخانا، بازار سۇبيېكتلىرىغا تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  كورېيە «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى» مۇخبىرى: چاۋشيەن - ئامېرىكا رەھبەرلىرى خانوي ئۇچرىشىشى بۇزۇلغاندىن كېيىن، سىرتتىكىلەر چاۋشيەن راكېتا قويۇپ بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىدا يەنىلا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، دەپ قارىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە يۇقىرى قاتلام بېرىش - كېلىشىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياراشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چاۋشيەن - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە قانداق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ؟

  لى كېچياڭ: يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، ھەل قىلىشنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چاۋشيەن - ئامېرىكا رەھبەرلىرى خانوي ئۇچرىشىشىغا بىرقەدەر دىققەت قىلدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككىلا تەرەپ داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مېنىڭچە، ئۇچرىشىش ھامان ئۇچراشمىغاندىن ياخشى. بىز يەنىلا سەۋرچانلىقىمىزنى ساقلاپ، پۇرسەتنى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئىپادىلەنگەن ئاكتىپ ئامىللارنى تۇتۇپ، سۆھبەتلىشىشكە، بولۇپمۇ چاۋشيەن - ئامېرىكا سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان نەتىجىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ مەيدانىمىز ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق. يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش شىمال - جەنۇب ئىككى تەرەپكىلا ئەمەس، رايون، دۇنيا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بىز يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، بىراق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنە ئاغرىنىشلارنىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن باشقا، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە بىز يەنە قايسى ئەمەلىي ئىشلاردىن ئۈمىد كۈتسەك بولىدۇ؟ ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا زادى قانداق ئويلاۋاتىدۇ؟

  لى كېچياڭ: سىز سورىغان مەسىلە ناھايىتى چوڭ، چۈنكى خەلق تۇرمۇشى ئەسلىدىلا غايەت زور ئىش، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ناھايىتى كۆپ. بىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، بىر - بىرلەپ ئىشلىشىمىز كېرەك. ھازىر چوڭ سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ياشانغانلار، بالىلار» مەسىلىسى، يەنى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، يەسلى مۇلازىمىتىدە قىيىنچىلىق بار ئىكەن. بۇ، ھەقىقەتەن بىزنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىمىزنى تارتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان
【1】 【2】 【3】 【4】  كېيىنكى بەت