ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

(2019- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2019.03.16 18:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2019- يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى، نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان