ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى توپا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى−

يېڭى ماكانغا كۆچۈپ كىردى ياخشى كۈنگە قۇچاق ئاچتى

مۇخبىرىمىز لى ياڭ

2019.03.13 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېزىلاردا ئەمىن تاپقۇزۇش ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازارلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلاردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

                                              − شى جىنپىڭ


  «بۇ ئۆمرۈمدە تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ، بۇنداق ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرۇشۇمنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغانىدىم. ھازىر ھەربىر كۈنۈم بالدەك شېرىن ئۆتۈۋاتىدۇ.» 2- ئاينىڭ 24- كۈنى سەھەردە، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى توپا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىدا، 76 ياشلىق نامرات ئاھالە ئابدۇياسىن يولداش بىر تەرەپتىن گاز ئوچاقتا قايناۋاتقان ئەتكەنچايغا قارىغاچ، بىر تەرەپتىن نەۋرىسىنىڭ سومكىسىنى ئېسىپ قويدى. «ئولتۇراق رايون دەرۋازىسىغا 200 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدا يەسلى بار، ناھايىتى قولايلىق» دېدى ئابدۇياسىن.

  بىر يەرنىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاي كىشىلىرىنى باقالمايدىغان رايونغا قارىتا، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويۇش نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 6408 ئائىلىدىكى 30 مىڭ نامراتنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش پىلانىنى تاماملىدى. توپادىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىدا، مۇخبىر نامرات چارۋىچىلارنىڭ يېڭى ماكانغا كۆچۈپ كىرىپ، نامرات كۆلبىدىن كۆچۈپ چىقىش، نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ، ھەقىقىي بەختتىن ھۇزۇرلىنىش

  «سىياسەت ياخشى، ئۆزىمىزمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىمىز كېرەك»


  تورغات پورتىنىڭ شەرق تەرىپىدىن بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدا، بىر ئولتۇراق رايون كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتاتتى: سېرىق تام، كۆك ئۆگزىلىك رەت - رەت ئولتۇراق بىنالار كۆك ئاسمان ئاستىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى؛ كەڭ ئاسفالت يولدا ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ ناۋايخانا، كاۋاپخانا، چېگرا ھالقىغان تاۋارلار مەخسۇس دۇكىنى، تاللا بازار... قاتار - قاتار دۇكانلارنىڭ سودىسى قىزىپ كەتكەنىدى.

  بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ بەخت مەھەللىسى، دېگەن چىرايلىق نامى بار. بۇ يەردە يول، سۇ، توك، تەبىئىي گاز پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلغان، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، شىپاخانا، يەسلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق.

  ئولتۇراق رايوندا 136 ئائىلە، 444 ئادەم بار. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بەختكە تۇتاشقان يولدا ھەربىر ئادەم تولۇپ تاشقان غەيرەت - جاسارەت بىلەن تېز ئىلگىرىلىمەكتە.

  2017- يىلى 5- ئايدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسى تورغات پورتىنىڭ جۇغراپىيەلىك، بايلىق ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پورت ئەتراپىدىكى بايقۇرۇت يېزىسىدا توپادىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى قۇرۇپ، بايقۇرۇت يېزىسى، تېرەك يېزىسى، تۇيۇن يېزىسى قاتارلىق بىرنەچچە يېزىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان جايدا ياشاۋاتقان، ياشاش مۇھىتى بىرقەدەر ناچار بولغان بىر قىسىم رايوندىكى 136 ئائىلىلىك نامرات چارۋىچىنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ چۈشتى. تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەن چارۋىچىلارنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر ئائىلىلىك چارۋىچىنى يەنە ئېتىبار باھادا دۇكان سېتىۋېلىپ سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەربىر دۇكاننىڭ سېتىلىش باھاسى 50 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ھەربىر ئائىلە ئۈچۈن ئۈچ يىلغا بۆلۈپ تۆلەيدىغان ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېجىرىپ بەردى.

  چۈش سائەت 1 دە، توقان مامۇتقان ئائىلىسىنىڭ تاللا بازىرىدا سودا قىزىپ كەتكەنىدى. توڭلىتىش ساندۇقىدا ھەرخىل سوغۇق ئىچىملىكلەر تىزىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتتە توقان ئۆزى ئۇيۇتقان قېتىق، ياسىغان سېرىق ماي بار ئىدى. مال جازىسىدىكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىچىك بەش خىل مېتال، ھەرخىل ئۇششاق يېمەكلىكلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. تاللا بازىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە يەنە بىر بۆلەك رايون ئايرىپ چىقىلىپ، خېمىر يېيىش ماشىنىسى، چۆپ كېسىش ماشىنىسى ۋە نەچچە خالتا ئۇن قويۇلغانىدى. «توقاننىڭ سودىغا بەك ئېپى بار، بىر تەرەپتىن تاللا بازىرى، بىر تەرەپتىن كەسمە چۆپ دۇكىنى ئاچتى. بىز دائىم بۇ يەرگە كېلىپ نەرسە سېتىۋالىمىز. ئىشىك ئالدىدا كىچىك تاللا بازىرى بولسا، بەك قولايلىق بولىدىكەن.» ئولتۇراق رايون ئاھالىسى ھەسەنقۇل ياقۇپ كەسمە چۆپ سېتىۋالماقچى بولدى، توقان بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، جىڭلاپ خالتىغا سالدى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى چاققان ئىدى.

  بىردەمدىن كېيىن، توقاننىڭ ئېرى تۇركۈنئالى تۇرسۇن بىنادىن چۈشتى، «بۈگۈن پولۇ ئەتتىم، ئوخشاپتىمۇ، تېتىپ بېقىڭە.» ئەسلىدە، ئۇ خوتۇنىغا تاماق ئېلىپ كەلگەنىدى. «ئىلگىرى تاغدىكى ۋاقتىمىزدا، مەن قوي باقاتتىم، خوتۇنۇم ئۆيدە تاماق ئېتەتتى. ھازىر، خوتۇنۇم دۇكان ئېچىپ ئالدىراش بولغاچقا، مەن تاماق توشۇيمەن. خوتۇنۇم بەك ئىشچان، ئۇنى قوللىشىم كېرەك» دېدى تۇركۈنئالى تارتىنغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  توقاننىڭ ئۆيى مۇشۇ بىنادا بولۇپ، 83 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيى پاكىز، رەتلىك ئىدى، ئوچۇق قىزىل رەڭدىكى ئۇزۇن پەردە ناھايىتى چىرايلىق ئىدى. كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ، توك مۇنچا، بۇستارتقۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. كىچىك قىزى گۈلمىرە تۇركۈنئالى تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېردا كارتون فىلىم كۆرۈۋاتاتتى.

  «بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى. خوتۇنۇم بىنا ئاستىدا دۇكان ئېچىپ، ھەرئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. مەن چېگرا قوغدىغۇچى، ئايلىق مائاشىم 2600 يۈەن. ھازىرقى كۈنلىرىمىزنى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن بەك بەختلىك!» دېدى تۇركۈنئالى.

  ئىلگىرى، تۇركۈنئالى ئائىلىسىدىكى ئالتە جان ئادەم تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تېرەك يېزىسىنىڭ قارا تېكە كەنتىدە تۇراتتى، ئۇلار مال بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بىر يىللىق ساپ كىرىمى ئاران 10 مىڭ يۈەن ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى 60 كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كېسەك ئۆيدە تۇراتتى، قىشتا كالا تېزىكى قالاپ ئىسسىناتتى.

  «سىياسەت ياخشى، ئۆزىمىزمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىمىز كېرەك.» تۇركۈنئالى: ھازىر چوڭ قىزىم شىخەنزىدە رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ، كىچىك قىزىم يەسلىدە، دېدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بالىلىرىنى دۆلەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلىدى.

  پورتقا تايىنىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ سودىسىنى قىلىش

  «ئالتۇن تاۋاقنى كۆتۈرۈۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ»


  گۆش توغراش، لاڭخا توغراش، ئوت يېقىش... توغرالغان گۆشنىڭ قازانغا سېلىنىپ پاژژىدە ئاۋاز چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاشخانا ئۆينى مەززىلىك پۇراق قاپلىدى. بۇس ئىچىدە ئالدىراش يۈرگەن گۈلقان توقتىغون پەرتۇق تاقىۋالغان بولۇپ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.

  2- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 15 ئەتراپىدا، بەخت مەھەللىسىدىكى ئاقيول ئاشخانىسىدا ئۇزۇن ئۈستەلگە ئاق رەڭلىك تور داستىخان سېلىنغان بولۇپ، بىرقانچە قىرغىزىستانلىق سودىگەر بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن تاماق، قورۇمىلارنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتى. ئاشخانا ئۆيدە گۈلقان «دۈمدۆمۆ» دېگەن قورۇمىنى تەييارلاۋاتاتتى. «ياڭيۇ بىلەن قوي گۆشىنى دۈملەپ پىشۇرۇپ، يەنە ئازراق لاڭخا قوشىمەن، قىرغىزىستانلىق مېھمانلار بۇ قورۇمىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ».

  بۈگۈن يەكشەنبە بولۇپ، پورت تاقاق بولسىمۇ، لېكىن گۈلقاننىڭ سودىسى يەنىلا ناھايىتى ياخشى ئىدى. «بەزى شوپۇرلار ۋە سودىگەرلەر ئالدىن كېلىپ ئۆچرەت تۇرۇپ، ئەتىسى تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ساقلايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە مېھمانخانا، ئاشخانا بار، دەم ئېلىشقا قولايلىق».

  گۈلقان بۇ يىل 44 ياش بولۇپ، قىزىلئۆي يېزىسىنىڭ قانجۇغون كەنتىدىن كۆچۈپ كەلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. «ئىلگىرى كەنتىمىز پورتقا كېلىشتە چوقۇم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە ئىدى، شوپۇرلار دائىم ئارام ئېلىپ تاماق يەيتتى. لېكىن ئۇ چاغدا كەنتتە مەن ئېتەلەيدىغان تاماق ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇنداقلا ئەرزان ئىدى، ھازىر ئوخشىمايدۇ، سودام بەك ياخشى بولۇپ كەتتى.» گۈلقان مۇنداق دېدى: يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، مەھەللە كادىرلىرى دائىم «<ئالتۇن تاۋاق>نى كۆتۈرۈۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دەيتتى. مەن ھازىر چۈشەندىم، «ئالتۇن تاۋاق» دەل كۆز ئالدىمىزدىكى پورت ئىكەن.

  ئالدىنقى يىلى بەخت مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، گۈلقان بۇ دۇكاننى سېتىۋالدى، لېكىن دەسلەپتە ئۇ ئاشخانا ئاچماي، باشقىلارغا ئىجارە بەردى. «مەن بىر مەزگىل كۆزىتىپ باققاندىن كېيىن بىر گەپ بولار، دەپ ئويلىغانىدىم. ناھايىتى تېزلا باشقىلارنىڭ ئاشخانا ئېچىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ئولتۇرالماي قالدىم.» ئەمەلىيەت ئۇنىڭ تاللىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، تىجارەت باشلاپ تۆت ئايدا ئېيىغا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

  تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى «كەشتىلەش»

  «ياخشى كۈنلەر كۈتۈشتىن كەلمەيدۇ»


  گۈلقان ئاچقان ئاشخانىنىڭ يېنىدا 37 ياشلىق كەشتىچى ماھىنۇر ئۆزىنىڭ كەشتىچىلىك دۇكىنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. رەڭگارەڭ يىپەك يىپلار، ھەر خىل رەڭدىكى رەختلەردىن رەڭدار بىر دۇنيا زىننەتلەنگەنىدى، تامغا قىرغىز مىللىتىنىڭ يېڭىدىن تىكىلگەن نەچچە قۇر توي كىيىمى ئېسىلغانىدى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ يېنىغا رەڭگا - رەڭ ئاسما گىلەم، يوتقان كىرلىكى، ياستۇق قېپى قاتارلىق كەشتە بۇيۇملىرى قويۇلغانىدى، ھېلىراقتا خېرىدار بىر يۈرۈش كەشتە بۇيۇمىنى 8000 يۈەنگە سېتىۋالغانىدى. «بۇ بىر يۈرۈش كارىۋات بۇيۇملىرى قىزغىزلارنىڭ تويلۇق قىز مېلى بولۇپ، مەن ئىككى ئاچا - سىڭلىم بىلەن يېرىم ئاي كەشتىلەپ تېخى تۈنۈگۈنلا پۈتكۈزگەنىدۇق» دېدى ماھىنۇر.

  ماھىنۇر ئائىلىسىدىكى يەتتە جان ئادەم ئىلگىرى بايقۇرۇت يېزىسى قىزىل ئېغىن كەنتىدە تۇراتتى. ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېرىنىڭ قوي ئېلىپ - سېتىشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆيدە قازان بېشىنى چۆرگۈلەپلا ئۆتەتتى. ماھىنۇر ئانىسىدىن كەشتە تىكىش قول ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئىشلىتىش پۇرسىتى بولمىغانىدى. 2017- يىلى كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ماھىنۇر كەشتىچىلىك دۇكىنى ئاچتى. «قىشتا سودا بوش، مەن يالغۇز ئىشلەيمەن، يازدا مەھەللىدىكى نەچچە ئايالنى باشلاپ بىللە ئىشلەيمەن، يەنە بەزى ئاياللار كەشتە بۇيۇملىرىنى ئۆيىدە تىكىدۇ، مەن يىغىۋېلىپ ئۇلارغا سېتىشىپ بېرىمەن.» ماھىنۇرنىڭ كونا خېرىدارلىرى ناھايىتى كۆپ، ئېرى پورت باشقۇرۇش كومىتېتىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ، 2000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

  «ياخشى كۈنلەر كۈتۈشتىن كەلمەيدۇ. مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت بار تۇرسا، ئۆزىمىز يەنە تىرىشىپ ئىشلىمىسەك، چوقۇم يۈزىمىز قىزىرىدۇ» دېدى ماھىنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان