ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6- يىغىنى ئېچىلدى

2019.03.13 15:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى. (مۇخبىرلار جاڭ شۈدۇڭ، لىن خۇي، ليۇ خۇي) سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6- يىغىنى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت، لايىھەلەرنى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندىن بۇرۇن، ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 18- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، تۈرلۈك دوكلات ۋە قارار (لايىھە)لار قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يىغىن قارالمىسى ۋە كۈنتەرتىپى بويىچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئەزالار دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تۈرلۈك قارار (لايىھە)لارغا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، بىر يىلدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پىكىر - تەكلىپ ۋە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەزالار ساھەلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى ۋە «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايدىل مۇزاكىرە قىلىپ، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، مۇزاكىرە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا قارىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان