ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدۇ

«1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ

2019.03.13 14:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئوقۇشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايون «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنىڭ 2020- 2019- يىللىق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان، ئاپتونوم رايونىمىز «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدىكەن.

  لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون «تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئۆستۈرۈش، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئايلىنىش» تەلىپىگە ئەمەل قىلىپ، بىر قولدا 1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا 10 مىڭ كەنتنى تۈزەشنى تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نۇقتىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش، دائىرە بويىچە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، كەم دېگەندە 1000 مەمۇرىي كەنتتە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى تاماملاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىدىكى %90تىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىدە زىيانسىزلاندۇرۇلغان پاكىز ھاجەتخانا بولۇش، %90تىن ئارتۇق پاسكىنا سۇنى ئۈنۈملۈك تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، %90تىن ئارتۇق كەنت، مەھەللىلەردىكى كوچا - يوللارنى ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە قاتتىقلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، بارلىق ئەخلەتلەرنى مەركەزلىك يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش، كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 10 مىڭ كەنتنىڭ كەنت قىياپىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملاپ، بىر تۈركۈم بىرقەدەر يۇقىرى ئۆلچەملىك، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  لايىھەدە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، پىلانلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش» يېتەكچى فاڭجېنى بويىچە ئېلىپ بارىدۇ. جايلار تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى نىشانى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈزۈشى كېرەك، ئىشنى دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان مۇھىت پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، دېھقان - چارۋىچى ئامما ئۆزى قول سېلىپ قىلالايدىغان، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئاسان ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغان كەنت مۇھىتى تازىلىقى مەسىلىسىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئالدىن تۈزەشنى يولغا قويۇپ، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق باسقۇچلۇق نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان