ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئېفىيوپىيە زۇڭتۇڭى، كېنىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.03.12 18:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئېفىيوپىيە زۇڭتۇڭى ساغلې - ۋورك، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتاغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئېفىيوپىيە، كېنىيە، جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر، زور تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك، ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، جۇڭگو تەرەپ زۆرۈر بولغان قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابىيگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان