ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» تارقاتتى

شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك

2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى

2019.03.12 18:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ماتېرىيالغا مۇھىم تەستىق سېلىپ، 2019- يىلى، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان بەزى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەكىتلىدى. «ئۇقتۇرۇش»تا 2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنىڭ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلايدىغان، كادىرلارغا كۆيۈنىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ چىڭ تۇتۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تىكلەپ بەردى. «ئۇقتۇرۇش»تا قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە قارىتا يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغانلىقى كەڭ كادىرلارنى ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش چۆرىدىلىپ، دىققەت «تۆتتە كۈچەش»كە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزىنى تۈزەش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش ھادىسىسىنى ئۆزگەرتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نۆۋەتتىكى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا بۇ جەھەتتە بەزى قاتتىق بەلگىلىمىلەر بېكىتىلدى. بىرىنچى، ھۆججەت ۋە يىغىنلارنى قاتلاممۇقاتلام زور دەرىجىدە ئىخچاملاش، قىسقارتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، مەركىزىي كومىتېت بېسىپ تارقىتىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئون بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، جايلار ۋە تارماقلارمۇ مۇشۇ بويىچە قاتتىق ئىگىلىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئۈچىنچى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىكلەر، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلار مەركەزنىڭ ۋە يۇقىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزسە بولىدىغانلىقى، ئېنىق بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىدا، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قايتا تۈزمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ تۆتىنچى، يىغىننى ئاز ئېچىش، يىغىننى قىسقا ئېچىش، ئەسقاتىدىغان يىغىن ئېچىش تەكىتلىنىپ، قاتلاممۇقاتلام يىغىن ئېچىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاشتا زىيادە ئىز قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشقا قارىتا، نەتىجە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مېخانىك ئۇسۇلنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ «مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ»، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشنىڭ «دەستىكى» قىلىۋېلىشىغا قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» ئىشلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ھە دېگەندىلا «مەسئۇلىيەتنامە» ئىمزالىماسلىق تەلەپ قىلىندى. «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە شەھەرلەرنى باھالاش، سېلىشتۇرۇش، تەقدىرلەشكە چېتىلىدىغان تۈرلۈك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ، تۈرلۈك نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاشىلا قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى.

  بۇنىڭدىن باشقا، «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ باشچىلىقىدا مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرقايسى جايلاردىكى پارتكوم بەنگۇڭتىڭلىرى پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان