ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2019.03.11 14:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شۈدۇڭ، لىن خۇي، ليۇ خۇي). مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 15 ئەزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  ئەزا دېڭ چۈندۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى توغرا مەيدان، ئىلمىي نەزەرىيە، ئىلغار تەپەككۇر ئارقىلىق جەمئىيەتنى تونۇشقا، دۇنيانى تونۇشقا، ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە توغرىسىدا مۇستەھكەم ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، ۋەتەننى ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھ تۇرغۇزۇشقا، چىن، ياخشى، گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇش ئىنتىلىشى تۇرغۇزۇشقا، ئاق كۆڭۈل، ئالىيجاناب كىشىلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  ئەزا لۈ يىتاۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر مەشھۇر ئەدىبلەرنى، سەنئەتكارلارنى، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى جەزمەن دەۋر بۇرچىنى چىڭ ساقلىشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، دىققەتنى دەۋرگە مەركەزلەشتۈرۈش، دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى - مەسئۇلىيىتى قىلىشى، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ «خەلقچىللىق» روھىنى چىڭ ساقلىشى، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاپ، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

  ئەزا ياۋ ئەيشىڭ جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا دۆلىتىمىزدە ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت قىممەت يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ھەم بىرقەدەر يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەگە ئىگە، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ھازىر يەنە بەزى يۈزەكى - ھەزىل، پەسكەش - چاكىنا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىمۇ بار. شۇڭا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەدھىيەلەپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو قەلبىنى يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئەزا گاۋ شياۋمېي جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇشنى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە باغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالىلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت جەمئىيەت تەشۋىشىگە قارىتا پەرۋىش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ سىستېمىلىق پىلانلاپ، كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي پەرۋىشنى قوللاش سىستېمىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدىن قايتا بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام پەرۋىش مۇلازىمىتى ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش تەكلىپى بېرىمەن.

  ئەزا تيەن گاڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى مائارىپنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت دەرىجىلىك سىفەن مائارىپى بازىسى قۇرۇش، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەزا راۋ زىخې سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلىم - پەن ئۇلى»نى پۇختىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاساسلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئۇل تەتقىقات ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ، بىز جەزمەن ئۇل تەتقىقاتتىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلىشىمىز كېرەك. پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلەتنىڭ ئىلىم - پەن ئۇلىنى پۇختىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئىجادچان دۆلەت ۋە زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  ئەزا لى يەنخۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يەنىلا تەرەققىي قىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن غايەت زور ئۆزگىرىش كۈچىنى نامايان قىلدى. پەن ساھەسىدىن ھالقىغان كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كارخانا ۋەكىللىرى، كەسىپ ئابۇنىچىلىرى ۋە ئامما قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئېتىكىسى تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك.

  ئەزا ۋاڭ يىمىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش». «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، دىققەتنى قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بېسىمغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا دىققەت قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاشنى زورايتىش، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەزا جياۋ خۇڭ جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىشلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشتا، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، دۆلەتنىڭ راك كېسىلىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  ئەزا چېن بەيلىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئوخشاش بولمىغان كۈتۈنۈش ئېھتىياجىغا قارىتا نىشانلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش، ئاپپاراتلاردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئەترىتىنى كەسپىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئاساس قىلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەزا نو مىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت چىقارغان نۇرغۇن داۋالاش ئىسلاھات سىياسىتى خەلققە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ۋە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى خەلق ئارىسىغا يەتكۈزۈش كېرەك.

  ئەزا شۈ شياۋ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: كەسىپنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەلەرنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنى تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ ئازادە ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تېز يوللانما يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېز يوللانما يەتكۈزۈش ساھەسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مائاش - ئىش ھەققى، پاراۋانلىق تەمىناتى، ئەمگەك سىجىللىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

  ئەزا جاڭ خەيدى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىيلاشقان ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتى ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەشمۇ نامراتلارنى يۆلەشنىڭ مۇھىم تەرىپى. ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتىدىكى يانداش سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ماۋ ۋەنچۈن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە كۈرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن يەنە تاغ - داۋانلاردىن ئېشىشقا، دەريالارنى كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، خەينەننىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات،ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  ئەزا ۋۇ ۋېيرېن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا تىنچ پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چەكسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشتەك جۇڭگو يولىدا ماڭدى. ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

  يىغىنغا جېڭ جيەنباڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لى بىن، خې لىفېڭ، جېڭ جيەنباڭ، شاۋ خۇڭ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، دۇڭ جيەنخۇا، خې خۇۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، باتىر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۈي، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان