ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار ھەم كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2019.03.11 14:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.

  «كارخانا قۇرۇش، ئىش قىلىش ئازراق پۇل تېپىش مەسىلىسىلا ئەمەس. ئەمەلىي ئىشلەپ، باشقىچە خىياللاردا بولماي ئوقەت قىلىش كېرەك، بۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.»

  مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىمىز، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيمىز

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن <ئەمەلىي بولۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىش>تىن ئىبارەت بۇ سەككىز خەت، كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلھاملاندۇرۇش تېخىمۇ مۇھىمى ھەيدەكچىلىك قىلىش» دېدى شىنجاڭ يۈتەي تۆگە تىۋىتى توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى يۈمىي. ئۇ كارخانىنى يېتەكلەپ تۆگە تىۋىتى توقۇمىچىلىقى ساھەسىدە 30 يىل چوڭقۇر ئىزدىنىپ، مۇكەممەل تۆگە تىۋىتى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى، 19 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولدى، مەھسۇلاتلىرى 13 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى، ئۇنىڭ تايانغىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىش. «كارخانا قۇرۇشتا باش شۇجى ئېيتقاندەك، ئەمەلىي بولۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ، تۆگە تىۋىتى كەسپىنى كۆڭۈل قويۇپ كۈچەپ زورايتىمەن» دېدى ئۇ.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىشكە ئاتلاندى. بۇ يىل، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، داۋاملىق ئەمەلىي گەۋدە باغچە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى يانداش كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق يەتتە ئەمەلىي گەۋدە كەسىپلەر باغچە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي سانىنى 100دىن ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسىنى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  بورتالا ئوبلاستى خۇڭجى ئەمگەك - مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باغ - ئورمان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىشقا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانا، شىركەت مەسئۇلى يۈەن يۇڭلياڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر، تەرەققىيات مۇھىتى شۇنداق ياخشى، بىز چوقۇم دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە قويۇپ، تىجارەت كۆلىمىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».

  «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.»

  مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىمىز

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ياشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك... دەپ تەكىتلىدى، بۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 94 مىڭ 400 ئادەم بولۇپ، 203 مىڭ 700 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدەپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىشقا تايىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ناھىيە (شەھەر) بەرپا قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش - يېتىلدۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى (باغچە رايونى) قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەشنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىش ئېففېكتىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىدۇ.

  «باش شۇجى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىش كېرەك... دەپ تەكىتلىدى، بۇ بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات خىزمىتىدىكى باشلامچى رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراماي شەھىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلاردا باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېخىمۇ ئەۋزەل بولغان ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنى قارامايغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىمىز».

  ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى داۋاملىق ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بېكەت»لىك مۇلازىمەت سۇپىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى سودا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۆۋەتچى پويىزنىڭ توشۇش ھەققى، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، كەسىپ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى مەركەزلىك توپلىنىشقا جەلپ قىلىدۇ.

  «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.»

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

  «ھازىر نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سالماقنى زورايتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، ساختىلىق، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى ھەمدە پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.» شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ئاممىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىدىكى «توسۇق نۇقتا»لارنى تاپقىلى، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تاپقىلى، تېخىمۇ ياخشى «تومۇر تۇتۇپ، دىياگنوز قويغىلى» بولىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ چىنلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇختا خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەسى خاس تېرىقچىلىق، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، خاس باقمىچىلىق قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، 100 خىلغا يېقىن ئەمەلىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، بۇ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 88 مەمۇرىي كەنت (مەھەللە)نى قاپلىدى. «تەربىيەلەش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.» كۆكتوقاي ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن جياڭشېڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماسلىق، ئۇدا جەڭ قىلىشتەك قەيسەر ئىستىل بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە، <قان ئىشلەش> ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىمىز».

  باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى باش توغرال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ئەخمەتجان ئېزىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2019- يىلى باش توغرال كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل، خىزمەت ئەترىتى، كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ئالدىن پىلانلاپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زورايتىش قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانلىرىنى پائال يولغا قويدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك پىلانلار پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلماقتا، ئىشىنىمەنكى، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئارقىلىق، پۈتۈن كەنت چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىيالايدۇ».

  (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يەنفاڭ، چېن چياڭۋېي، جاۋ جىيۈن، ۋاڭ يۈجاۋ، شى شىن، چېڭ يۆيۆ، جاڭ تىڭ، لى چۈنشيا، لۇ فېڭباۋ، لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لو يۈن يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان