ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر ساھەنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ

يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى

2019.03.11 14:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر ساھەنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2019- يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

  ئەزالار مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورنى، رولى، نىشان - ۋەزىپىسى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. يېڭى بىر يىلدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تونۇش نەتىجىسى ئارقىلىق ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا ياڭ جيې مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2019- يىللىق كېڭىشىش پىلانىدىكى كېڭىشىش قارالمىلىرى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى قاپلىغان. تەربىيەلەش، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا گۈەن فاڭفاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2019- يىللىق كېڭىشىش پىلانىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ھەمدە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى زىچ چۆرىدىلىپ كېڭىشىلگەن، كىرىش ئېغىزى كىچىك، دىققەت توغرا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ئاممىغا ناھايىتى يېقىنلاشقان بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بىز ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بايقاپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  ئەزا دىلشات ياقۇپ مۇنداق دېدى: تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەمتەر بولۇپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ساغلام جۇڭگو، ساغلام شىنجاڭنى يولغا قويۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان