ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش تورى بەرپا قىلدى

2019.03.11 14:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ئاينۇر). روزى سۇۋۇر يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىسىدىكى بۇ ئۇيغۇر مېيىپ يىگىت كېسەل سەۋەبىدىن قەرز بولۇپ قالغان 40 مىڭ يۈەن قەرزىنى قايتۇرۇپلا قالماي، ھەر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، يەنە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  روزى سۇۋۇرنىڭ ئۆيى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزىسى ئاقشەھەر كەنتىدە بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. كېسەلچان خوتۇنى، ياشانغان ئانىسى، ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسى بۇ نامرات ئائىلىنى بىر مەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدا، نۇرغۇن نامرات ئاھالىنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى يېتەرسىز، ئۈنۈملۈك تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت نامراتلىق ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەنىدى. 2017- يىلىدىن باشلاپ، كۇچا ناھىيەسى نامرات ئاھالە ۋە مېيىپ ئاھالىلەرگە قارىتا ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىش، توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش - سېتىش، تېز يوللانمىلارنى قوبۇل قىلىش، تارقىتىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈپ پونكىت - نۇقتا تەسىس قىلدى ھەم كومپيۇتېر، بېسىش ماشىنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بەردى، ئۇلار ئۆيدىن چىقمايلا پۇل تېپىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ يەر تېرىپ ئەمگەك قىلىشى، ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات رايونلارغا تەۋە بولۇپ، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ %64 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، نەچچە مىليون يېزا ئاھالىسى مۇھىتى جاپالىق، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى تۆۋەنرەك بولۇش، تىل توسالغۇسى بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى قىيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور.

  بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بىر يۈرۈش كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زاكازلىق، ئىش ئورنى بېكىتىلگەن، نىشانلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەش قاتارلىق مەخسۇس تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تورىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار توپنىڭ بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

  سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە، شىنجاڭ شەھەر، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە تەربىيەلىنىش تەلىپى بار ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلىنىش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى نۇقتىلىق رايون قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقتىلىق مۇلازىمەت توپى قىلىپ، نۇقتىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويدى.

  كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كۆرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭ جەمئىي 1 مىليون 275 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك كەسپىي تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %115.9 تاماملانغان.

  بۇ يىل، شىنجاڭ 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك كەسپىي تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسپىي تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش، كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش، مەبلەغ بىلەن مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى يولغا قويىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە نامرات ئائىلىلەردىكى ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان شۇ يىلى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخنىك مەكتەپلەردە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تەلىم - تەربىيەنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار توپنىڭ بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان