ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2019.03.10 15:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شۈدۇڭ، لىن خۈي، ليۇ خۈي). مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 14 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ سۆزنى ئاڭلىدى.

  ئەزا ياڭ ۋېيمىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەندىشە بار، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشى بولۇش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، بازار سۇبېيكتىنىڭ بوشاشماي يېڭىلىق يارىتىشى، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى بولسىلا، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز، كەلگۈسىمىز مۇقەررەر پارلاق بولىدۇ.

  ئەزا لىن يىفۇ پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ساھەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەر قانداق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ھەممىسىدە «كىرىزىس» ۋە «پۇرسەت» تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ، تاقابىل تۇرۇش مۇۋاپىق بولسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇھىم، زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئەزا چېن جىليې مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى پۇقراۋى كارخانىچىلارغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كارخانىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىن، پاك بولدى. پۇقراۋى كارخانىلار پۇرسەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كارخانىلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلىنىشى كېرەك.

  ئەزا چېن شۇاڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلار يېڭى دەۋردە يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىشى، پۇقراۋى كارخانىچىلار يېڭىلىق ياراتقۇچى، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار يولۇققان قىيىنچىلىقلار تەرەققىيات جەريانىدىكى قىيىنچىلىق، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى باش قېتىمچىلىقى بولۇپ، خىرىس جەريانىدا يېڭى پۇرسەتنى بايقاپ ۋە ئىگىلەپ، تىرىشىشقا تايىنىش ئارقىلىق، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئەزا دەي بېيفاڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىدىغان، مەغلۇبىيەتنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان ئادىمىيەت مۇھىتى، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسەت مۇھىتى، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسىتەلەيدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  ئەزا لى شىجيې جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى جەريانىدا كارخانىلار دۇچ كەلگەن يولغا تايىنىۋېلىپ «ئالمىشىشنى خالىماسلىق»، يېڭىلىق يارىتىشتىن قورقۇپ «ئالمىشىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق»، ئەمەلىي كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقتىن «ئالماشتۇرالماسلىق» مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت سىياسەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن پايدىلىنىش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن مەركەزلىك كۈچەپ، كارخانا سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.

  ئەزا گې خۇڭلىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مۇردا كارخانىلار» دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىدىكى ئاغرىق نۇقتىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى قىيىن نۇقتىسى. «مۇردا كارخانىلار»نى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش تەس بولۇش، يەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەس بولۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەس بولۇشتەك ئۈچ توسالغۇ مەۋجۇت بولۇپ، جەزمەن نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەزا خۇاڭ شيەنياۋ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچەش باسقۇچىغا كىردى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەر بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلمىگەن ئائىلىلەر قاتارلىق «ئالتە جۈپ مۇناسىۋەت»نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىپ، پەقەت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەرگىلا ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق «ئالتە خىل مايىل بولۇش»تىن ساقلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ليۇ يۇڭخاۋ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپلەرنى روناق تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم نۇقتا. بايلىقنى توپلاپ، كاپىتالنى ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىپ، يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  ئەزا جياڭ زوجۈن ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم قوغدىلىدىغان جاي. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى پەن تەتقىقاتى، ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاپەت، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش - ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  ئەزا ياڭ چۈبياۋ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش كۈتۈپ تۇرۇشتىن ئەمەس، ئىشلەشتىن كېلىدۇ. «پەقەت يىغىنلا ئاچىدىغان، شوئارلا توۋلايدىغان» شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، جەزمەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش، جاسارەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ جان تىكىپ ئىشلەش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ بىرلىكتە ئىشلەش، تەر تۆكۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىش كېرەك.

  ئەزا لەن فېڭخۈي سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، «باج كېمەيتىش»تە باجنى قايسى دەرىجىدە كېمەيتىشتە، «ھەقنى تۆۋەنلىتىش»تە ھەقنى قانچىلىك تۆۋەنلىتىشتە، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، بايلىق تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئەزا خۇ شياۋليەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇھىم، زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە پايدىلىق ماكرو مۇھىت يارىتىش، قوغداش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىم ئېشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش قاتارلىق بەش تەرەپتىن تۇتۇش قىلىپ، بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئەزا لى داۋكۈي سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، سالماق، ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالەت بىلەن خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، كۈرەش قىلغۇچىلارنى قوللاپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، زىممىسىگە ئالغۇچىلارنى قوغداپ، تۆھپە قوشقۇچىلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «تەگلىك»ىنى كۈچەيتىپ، زورايتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك.

  يىغىنغا لياڭ جېنيىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى جاڭ چىڭلى، ۋاڭ جېڭۋېي، لياڭ جېنيىڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، خې ۋېي.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، ليۇ شىنچېڭ، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا سۆز قىلىش ئۈچ مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگىنى بىرىنچى مەيدان يىغىندا سۆز قىلىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە