ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

2019.03.10 15:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىمىز، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل يۇرت - ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى پۇختا ساقلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم رايون خاس ماركىلىرىنى يارىتىپ، تىرىشىپ بىر تۈركۈم كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، خاسلىقى روشەن بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىشىنى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۈچ يىلدا تۈزەش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېزىلاردا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرلەرنى ئالتۇن يامبۇ ئۈنۈپ چىقىدىغان قىلىش، ئېكولوگىيەنى تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە ئايلاندۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى ئالتۇن تاۋاققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىدىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزىلارغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل بەلگىلىمە بىرلەشتۈرۈلگەن ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، تولۇق دائىرىلىك قاپلىغان، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، شەھەر، يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار، يەر، كاپىتال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ۋە باراۋەر ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى قوللاپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئالتىنچى، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە زىچ باغلاپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە، سۈپەتلىك ئورۇنداش كېرەك.

  يەتتىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ۋە غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي، مەدەنىي تۇرمۇش قارىشى ۋە ساغلام مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدا «چىۋىن»گە زەربە بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە