ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2019.03.09 14:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- ئاينىڭ 8- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2- ئومۇمي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ جيې فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا ھەم چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2975 نەپەر، قاتناشقانلار 2948 نەپەر، قاتنىشالمىغانلار 27 نەپەر، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىدىغان مەزگىل دەل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  لى جەنشۇ يەتتە جەھەتتىن ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىگە تەشكىللەپ، 31 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكىلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر قاتناشقان ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىردۇق. ئىككىنچى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدۇق. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن بويىچە تەڭشەپ تەسىس قىلىنغان ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش قاتارلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتىكى خىزمەت كۈچى ۋە تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتتۇق. ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات، مۇقىملىقنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق. قانۇندىن سەككىزنى چىقاردۇق، 47 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، قانۇن مەسىلىسىگە ۋە مۇھىم مەسىلىگە ئالاقىدار قاراردىن توققۇزنى ماقۇللىدۇق. تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدۇق. گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 24 خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقتۇق، ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا مەسلىھەت سوراش، بەش تۈر بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق. بەشىنچى، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق ۋە كاپالەتلەندۈردۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، تۆت قېتىم سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق، 186 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ئالتىنچى، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. يەتتىنچى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. يىغىن ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، رۇخسەت سوراش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %98تىن ئاشۇردۇق.

  لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر بىزگە شۇنى چوڭقۇر تونۇتتىكى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەڭ مۇھىمى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، خىزمىتىمىزدە پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، خىزمەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك.

  كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدا لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. دائىمىي كومىتېت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە ۋە ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  لى جەنشۇ ئالتە جەھەتتىن 2019- يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئىزاھلىدى: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن - تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى.

  ۋاڭ چېن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى تەييارلاش جەريانىنى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى تۈزۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئوچۇق يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن - تۈزۈم ئاساسىي رامكىسى ئورنىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى چىقىرىشتا تۆۋەندىكى مۇھىم پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى: بىرىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىش ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي رىتىمىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ئىككىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئالاقىدار ئاساس خاراكتېرلىك قانۇن بولۇشتەك بەلگىلەنگەن ئورنىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بىلەن خەلقئارا قائىدىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچى، ئىچكى - تاشقى مەبلەغنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش.

  ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: لايىھە ئالتە بابقا بۆلۈنگەن، ئومۇمىي پىرىنسىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى قوغداش، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، قانۇن جاۋابكارلىقى، قوشۇمچە پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي 41 ماددا، ئۇنىڭدا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئائىت يېڭى قانۇن - تۈزۈمگە قارىتا ئاساسلىق، ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بىرىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى بەلگىلەش توغرىسىدا؛ ئىككىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا؛ ئۈچىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قوغداش توغرىسىدا؛ تۆتىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا. ئۇ يەنە لايىھەدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا كونكرېت ئىزاھات بەردى.

  يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جى بىڭشۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن باشلانغاندا جى بىڭشۈەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، بىز يىغىن ھەيئەت رىياسىتى نامىدىن ھەرقايسى ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز.

  يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ دۇڭفېڭ، ۋاڭ گوشېڭ، بەي چۈنلى، ليۇ چى، شۈ چىلياڭ، لى شۆيۇڭ، لى جىنبىن، ۋۇ يىڭجيې، جاڭ يېسۈي، چېن چۈەنگو، چېن چيۇفا، چېن شىۋېن، چېن خاۋ، لىن دو، دۇەن چۈنخۇا، لوۋ چىنجيەن، خې يىچېڭ، شۈ شاۋشى، يىن يىسۈي، خۇاڭ جىشيەن، لۇ شىنشې، جياڭ چاۋلياڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان