ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

2019.03.09 14:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، بىرلا غەيرەت قىلىش، ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك. جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە بىرلا غەيرەت قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماي، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماسلىق كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر كۆرسەتمەسلىك كېرەك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، 2020- يىلى ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، تەدبىرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئاخىرغىچە تۇتۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرى، چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ھەقىقىي تۇتۇپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش، مەسىلىنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرىنى چوڭقۇر تۈزەپ، قەتئىي ھالدا «ساختا شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «تۇراقسىز شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قىلماي، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان، ساختا خىزمەت نەتىجىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماسلىق كېرەك. قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئورتاق تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش قەدىمىنى توختاتماسلىق كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى قاتتىق مەنئى قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان