ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

خۇالىڭ گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدى−

چەتئەللەردە باغچە رايونى قۇردى سودا كۆۋرۈكى سالدى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي، پىراكتىكانت جاڭ جىڭ

2019.03.09 13:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

                                                  − شى جىنپىڭ

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، سودىگەر ۋاڭ يۈمېي بەكمۇ خۇشال ئىدى، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، چۈنكى ئۇ 5- ئايدا باشقا سودىگەرلەر بىلەن بىللە، شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت - سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردىمىدە گىرۇزىيەگە يېڭى بازار ئېچىشقا باراتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇالىڭ گۇرۇھى گىرۇزىيەدە خۇالىڭ ئەركىن سانائەت رايونى، خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ئالاھىدە رايونى قاتارلىق تۈرلەرنى پائال قۇرۇپ، ۋاڭ يۈمېيگە ئوخشاش سودىگەرلەرنىڭ غەربىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا بازىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، سودىگەرلەر ئۈچۈن ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان سودا يولىنى قۇرۇپ بەردى.

  ئاسىيا - ياۋروپا يولىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاش

  «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىزنى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى»


  ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گىرۇزىيەدە ئىككى ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلدى، خۇالىڭ ئەركىن سانائەت باغچىسى، خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلدى...

  بۇ بىرنەچچە يىلدا، خۇالىڭ گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، گىرۇزىيەدىكى تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن «ئەمەلىيلەشتى».

  «گىرۇزىيەدە تەرەققىي قىلىشنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىزنى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، گىرۇزىيەنىڭ مۇھىم تۈگۈنلۈك ئورنى، گۈزەل تەبىئىي مۇھىتى، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ھەمدە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتىمۇ بىزنى بەك جەلپ قىلدى» دېدى خۇالىڭ گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گو شياڭياڭ.

  نەچچە ئون يىللىق چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق خۇالىڭ گۇرۇھى ئوتتۇرا - غەربىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە بەلگىلىك نامغا ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى، مەبلەغ سالغان تۈرلەر جۇڭگو - گىرۇزىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

  خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ گىرۇزىيەدىكى تۈرلىرىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى «خۇالىڭ بازىرى» ياخشى ھەمتۈرتكىلىكنى ئىشقا ئاشۇردى، بازار تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، خۇالىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان تېخىمۇ كۆپ سودىگەر گىرۇزىيە ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن سودا پۇرسىتى ئىزدەشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  شىنجاڭ گۇاڭخېتۇڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ لىفېڭنىڭ خۇالىڭ بازىرىدا كابېل سودىسى قىلىۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولدى، ھازىر %60 مەھسۇلاتى شىنجاڭدا، %40 مەھسۇلاتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە ھەم موڭغۇلىيە دۆلىتىدە سېتىلىۋاتىدۇ. «بۇ يىل <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتى ۋە خۇالىڭ ھازىرلىغان سۇپىدىن پايدىلىنىپ، بىزمۇ گىرۇزىيەگە بېرىپ تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى فېڭ لىفېڭ.

  مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سودا راۋانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  «بۇ ئېتىبار سىياسەتلەر تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى»


  3- ئاينىڭ 9- كۈنى، خۇالىڭ سودىگىرى، ئۈرۈمچى ئاۋمېي تيەنچېڭ ئۆي جاھازىلىرى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گىرۇزىيەگە بازار ئاچقىلى بارىدۇ، شۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن باشقا، يەنە تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەر ئۇنى جەلپ قىلغانىدى.

  گىرۇزىيە ئەركىن سانائەت باغچىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەركىن سانائەت باغچىسىغا كىرىپ ماكانلاشقان كارخانىلار گىرۇزىيەنىڭ تاموژنا بېجى، قوشۇلما قىممەت بېجى، مال - مۈلۈك بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. «بۇ ئېتىبار سىياسەتلەر تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى» دېدى گو شياڭياڭ.

  جۇڭگو - گىرۇزىيە ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە تۈرلەرگە سودىگەر چاقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2012- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە «ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش، كارخانىلار ماھارەت كۆرسىتىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۇدا كۆپ يىل خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدا «گىرۇزىيە جۇڭگو شىنجاڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزدى.

  بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق نۆۋەتتە 100گە يېقىن كارخانا گىرۇزىيە خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ۋە خۇالىڭ ئەركىن سانائەت باغچىسىغا ماكانلاشتى، تەخمىنەن 300 كارخانا شۇ جايدىن ۋاكالەتچى سودىگەر ۋە ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھ تېپىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

  ياڭ جۈن دەل كۆرگەزمىدىن خېرىدار تاپقان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر يىلى كۆرگەزمىگە قاتنىشىمىز، گىرۇزىيەدىكى خېرىدارلىرىمىز بارغانسېرى كۆپەيدى، بىزمۇ گىرۇزىيە خەلقىگە بارغانسېرى كۆپ زاكازلىق ياسالغان ئۆي جاھازىلىرىنى ئېلىپ باردۇق. بىز كەلگۈسىدە يەنە گىرۇزىيەنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم شەرقىي ياۋروپادىكى بازارلىرىمىزنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىمىز».

  «گىرۇزىيە ئىقتىسادىي قۇرۇلما جەھەتتە دۆلىتىمىز بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە، كۆرگەزمىمۇ گىرۇزىيەنىڭ جۇڭگودىن كېرەكلىك تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشىنى زور دەرىجىدە قولايلىقلاشتۇردى. نۇرغۇن تاۋار شۇ جاينىڭ بازار بوشلۇقىنى تولۇقلاپ، گىرۇزىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى» دېدى گو شياڭياڭ.

  ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىش

  «ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭمۇ يادرولۇق ئىدىيەمىز»


  «<بىر بەلباغ، بىر يول>نىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش. ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۈزلۈكسىز ھالدا شۇ جايغا بەخت يارىتىش، ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھلارغا بەخت يارىتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭمۇ يادرولۇق ئىدىيەمىز» دېدى گو شياڭياڭ.

  ۋاڭ يۈمېينىڭ دۇكىنىدا بۇ يىل 10- ئايلاردا تىجارەت باشلىنىدۇ، ئۇ خۇالىڭ . تىبىلىس دېڭىزى سودا مەيدانىدا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، مېھمانساراي بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلماقچى. «ۋاقتى كەلگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىلىق مېھمانساراي بۇيۇملىرى تۈركۈملەپ گىرۇزىيەگە كىرىپ، گىرۇزىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە كارخانىلار گىرۇزىيەدىكى سودا سۇپىسى ئارقىلىق داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا بازىرىنى ئېچىپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى ئۇ.

  ۋاڭ يۈمېي پات ئارىدا ماكانلىشىدىغان خۇالىڭ . تىبىلىس دېڭىزى سودا مەيدانى خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، بۇ تۈر جۇڭگو، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قىرغىزىستان، قازاقسىتان ۋە گىرۇزىيەدىكى زور تۈركۈمدىكى يەرلىك سودىگەرلەرنى كىرىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ تۈر گىرۇزىيە ئۈچۈن 3500دىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن، ۋاسىتىلىك ھالدا 10 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. كەلگۈسىدە بۇ يەر تاشقى كاۋكاز ۋە قارا دېڭىز قىرغىقىنى بويلىغان رايونلاردىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بازار، تۇرالغۇ، ساياھەت، سودا، يېمەك - ئىچمەك، مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش بىرگەۋدىلەشكەن زامانىۋى خەلقئارا سودا شەھەرچىسى بولىدۇ.

  «بۇنىڭدىن سىرت، بىزنىڭ گىرۇزىيەدىكى ياغاچ ماتېرىياللار ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تۈرىمىزمۇ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى» دېدى گو شياڭياڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان