ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جاسارەت بىلەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار ھەم كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2019.03.09 13:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن غەيرەت - شىجائەتكە كېلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

  بايراملىق تىلەكلەر كىشىنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇردى

  3- ئاينىڭ 8- كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گو شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ بايراملىق تىلەكلىرىدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، مەن بۇ گۈزەل تىلەكلەرنى ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەكىللىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن».

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى «يىپەك يولى ئاياللار ئوق پويىز گۇرۇپپىسى» ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياشلار كوللېكتىپى بولۇپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ لەنجوۋ، قومۇل ئارىلىقىدا قاتنايدىغان بارلىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ پويىز مۇلازىمەت خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغان. «ئوق پويىز خانىم - قىزلىرى»نىڭ تاتلىق كۈلكىسى، قىزغىن مۇلازىمىتى بىپايان، گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشتىكى يۆتكىلىشچان نام كارتىسىغا ۋە بىر يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى.

  «باش شۇجىنىڭ بايراملىق تىلەكلىرى بىزنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇردى. بىز چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر قۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغان قۇرغۇچىلاردىن، دادىل ئارزۇ قوغلىشىدىغان كۈرەشچىلەردىن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاياللار كۈچىنى قوشىمىز» دېدى «يىپەك يولى ئاياللار ئوق پويىز گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى نەن باۋجۈن.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى غەيرىتىمىزنى ئاشۇردى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېغىر نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «تۆت سەۋىيە»نى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت سېلىنما كاپالىتى، يېزا ئىگىلىكى پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى، يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلار تىرىكى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش ۋە يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشتىن ئىبارەت «بەش» سىستېمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياڭ جې مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇردى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا كەنتلەرنىڭ قىياپىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاممىۋى تەرتىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەدەنىيەت تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى كەنتلەرنىڭ كۈچىنى زورايتىش، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىشنى نىشان قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆكەرتىپ، گۈزەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىگە، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۆزگىچە گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى كۈچەپ قۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، گۈزەل يېزا - كەنتنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى مېيى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مۇساجان نۇرلا مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز.

  يېڭى دەۋردە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى ماڭىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتۇر.

  لوپ جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە داڭلىق خوتەن چوڭ چىلىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق قەغەز ياڭاقنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات رايونى، خاس باغ - ئورمانچىلىق لوپ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لوپ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى فېيجيەن مۇنداق دېدى: لوپ ناھىيەسى خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەلا سۈپەتلىك خاس باغ - ئورمان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يېڭى، ئۆزگىچە، ئالاھىدە، سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈپ، ئۆزگىچە باغ - ئورمان كەسپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتىپ، كۈچەيتىپ، خاس باغ - ئورمانچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئاممىنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى» «بەخت مېۋىسى» «بېيىش يولى»غا ئايلاندۇردى.

  «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىدىن زور ئىلھام ئالدۇق ھەم مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق». ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم فاڭ ئەيگو مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول، ناھىيە «ساياھەت +» ئەندىزىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى كۆپ خىل يوللار بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتا ھەم سەرخىل مەنزىرە رايونى، ئۆزگىچە ئائىلىۋى ياتاق ۋە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار(چارۋىچىلار) ئارامگاھى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، 2019- يىلى 14 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  جىلىن يېڭى كەنتى جىلىن ئۆلكىسى قابا ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان يېڭى كەنت. «بىز جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈرى ۋە دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسىتىگە تايىنىپ، باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە پارنىك تېرىقچىلىقى بازىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ سۈپىتى ياخشى، تەمى ئېسىل يېشىل مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ھەرقايسى جايلارغا سېتىپ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى قابا ناھىيەسى چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتى يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ شيۇفا.

  (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ يى، جاڭ يۈنمېي، جاۋ جىيۈن، شى شىن، مېھرىگۈل ناسىر، جاڭ جىلى، خې لىڭ، ۋېي خۇڭپىڭ، لى داۋجۇڭ، يۈ شى، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى خەيشەن يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان