ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك

2019.03.05 15:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى، 26- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۆھپە قوشىدىغان قۇرغۇچىلىرى ۋە لاياقەتلىك ئىز باسارلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەرمىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشقا، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «توغراق روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي ماھارىتى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ خىزمىتى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ كۈچىنىڭ زورىيىپ تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەندىزىسىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەكتەپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت قوشۇنىنى سەپلەش، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش»نى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ دەۋر تۇيغۇسى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە