ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭغا كېلىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، بەختلىك خەلق تۇرمۇشىنى ھېس قىلىش

− 2019- يىللىق «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى قابىل ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگو سەپىرى» پائالىيىتىدە شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن

2019.03.01 16:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى قابىل ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگو سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ھىندونېزىيە، مالايسىيادىكى 11 تاراتقۇ خادىمى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مول، رەڭدار جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلدى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، مەدەنىيەت مول، رەڭدار ئىكەن، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەقىقىي پۇختا ئىشلىنىپتۇ، جۇڭگو بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مول رەڭدار جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش

  11 تاراتقۇ خادىمىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى بېكىتى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كىرىش بولدى، «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» «شىنجاڭ قەدىمكى دەۋر جەسەت كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېزىق، سۈرەت ۋە ئۈن - سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق ئىگىلىدى.

  «مەن ئىلگىرى كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا كۆرۈپتىمەن، مۇزېيدىكى كۆرگەزمە بىرقەدەر ئەتراپلىق ئىكەن، شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، كۆپ مىللەت بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەھۋالى سىستېمىلىق كۆرگەزمە قىلىنىپتۇ». ھىندونېزىيە IDN خەۋەرلەر تورىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى زۇرفىيانى.لۇبىس بۇ قېتىمقى سەپەردە شىنجاڭغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى تونۇشقا كەلدى.

  پاكىز، رەتلىك كوچىلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار، قاتار كەتكەن ئۆي - ئىمارەتلەر ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم مالايسىيا «قۇياش نۇرى گېزىتى»نىڭ ياردەمچى مۇھەررىرى ئاسمالشا. مەنسۇرغا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقىنى ھېس قىلدۇردى. قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى قوغداش - ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىدىكى ھەربىر پارچە كونا سۈرەت، ھەربىر تەقلىدىي مەنزىرە كۆرگەزمىسى ئۇنى ھەيران قالدۇردى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلىگەن زور مىقداردىكى ئىنچىكە خىزمىتىدىن ھەيران قالدىم، ھەم بۇرۇنقى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ساقلىنىپ قاپتۇ، ھەم ئاھالىلەر زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنەلەيدىكەن، مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ».

  مەيلى شىنجاڭدىكى مۇزىكا ئەسۋابلىرى 1 - كەنتى− كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق يېزىسى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى بولسۇن ياكى قاراقاش ناھىيەسىدىكى خوتەن قەغىزى كوچىسى بولسۇن، 11 تاراتقۇ خادىمى بەس - بەستە تېلېكامېرا، فوتو ئاپپارات، يان تېلېفونىنى قوللىرىغا ئېلىپ، جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېكرانغا خاتىرىلىۋالدى.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئاپىرىن ئېيتىش

  ئاپتوموبىلدا ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىش يولىدا، ھىندونېزىيە 6 - خەۋەرلەر تورىنىڭ مۇخبىرى لىسچى.ئەكبەر.خاسان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى نۇرغۇنلىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىنى كۆرۈپ، «ناھايىتى ھەيران قالدىم»، دېدى.

  «ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى 2016- يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىر يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇپ بولدى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ناھايىتى تېز بولدى». ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لىسچى.ئەكبەر.خاسان باشقا ئەزالار بىلەن بىللە قىرغىز چارۋىچى گۈلنۇر تۇردىمەمەتنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كەلدى.

  مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا ئايال ئۆي ئىگىسى ئىشلىگەن قىرغىزلارنىڭ قول ھۈنەر كەشتە بۇيۇمى ئېسىلغان، يەرگە گىلەم سېلىنغان، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىنىدىغان يەر ئاستىدىن ئىسسىتىدىغان پار ئۆي ئىچىنى ئىللىتقانىدى. تاراتقۇ ئۆمىكى ئەزالىرى مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ، گۈلنۇر ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان ئەنئەنىۋى يېمەكلىكنى تېتىپ كۆردى.

  «مەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تاغلىق رايوندىكى تۇرمۇشىنىڭ بىر قەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان قىش پەسلىدە، پار بىلەن ئىسسىتىلىدىغان ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىنى ئىگىلىدىم» دېدى لىسچى.ئەكبەر.خاسان ھاياجانلانغان ھالدا.

  لىسچى.ئەكبەر.خاساننى ھاياجانلاندۇرغىنى بۇلا ئەمەس، ئۇ شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھىندونېزىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ كارخانىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە شىنجاڭدا قۇرۇلغانلىقىدىن ھەيران قالدى.

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاتۇش بازىرى ئۇلۇغچات كەنتىدىكى كىچىك، مىكرو كەسىپلەر رايونىدا، ھىندونېزىيە مېيدۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى يۇخانا.ماگېرېتتا كىيىم تىكىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان چاپاننى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قېلىپ، شۇ ھامان بىرنى سېتىۋالدى. «مېنىڭچە، بۇ كارخانىلار بەك ياخشى ئىكەن، كەنت ئاھالىلىرى كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپتۇ». كېيىنكى سەپەر جەريانىدا ئۇ ئىزچىل مۇشۇ چاپاننى كىيدى، «مەن بۇ چاپاننى بەك ياقتۇردۇم، تىكىلىشى ناھايىتى ياخشى ئىكەن».

  تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقىنى ماختاش

  ئازادە، يورۇق ئوقۇتۇش بىناسى، سەي تۈرلىرى مول ئاشخانا، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ياتاق بىناسى، قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھەم خوتەن ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، تاراتقۇ ئۆمىكى ئەزالىرى توختىماي ماختىدى.

  ھىندونېزىيە «كومپاس گېزىتى»نىڭ ئالىي مۇھەررىرى نۇگېرۇخ.فېللى.يۇدۇ گەرچە شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى شىنجاڭغا دائىر خەۋەرلەرنى كۆپ كۆرگەنىدى. «بۇ مېنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، ئىلگىرى مەن ھەقىقەتەن بەزى تاراتقۇ خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدىم، بىراق ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس ئىكەن». ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يول ئېچىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتەك ئۆزىگە خاس بولغان يول ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنى ئىنتايىن تەرىپلىدى.

  ھېيتگاھ جامەسى، جامە مەسچىتىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى تارىخى ئۇزاق مەسچىتلەر. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئىچىدىغان سۇ، ئىسسىنىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بەردى.

  تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن ئاسمالشا.مەنسۇر مەسچىتتىكى دىنىي خادىملارغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى مەسچىتنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى قەدىمىي ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل، مۇھىتىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم».

  زۇرفىيانى.لۇبىس ئىلگىرى شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كەلگەن. «قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، دۆلەت ئورتاق تىلى دەرسى، ئۇسسۇل دەرسى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دەرسلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئازادە كەيپىياتتا ئۆتۈلىدىكەن. بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن» دېدى ئۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە