ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى−

ئۆتكۈر كۆز بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى توغرا تېپىلدى، يېزا- كەنتنىڭ ھەممە يېرىدە يېڭى مەنزىرە نامايان بولدى

مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي

2019.02.28 14:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق مايىللىشىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش كېرەك.

                                                       − شى جىنپىڭ

  مۇخبىرنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ئۇچتۇرپانلىق «ھەيران قالدۇرىدۇ» «زىلزىلىگە سالىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق بۇ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۈپەتلىدى. «تۆۋەنكى مەكىت كەنتى بىزنىڭ ناھىيەدىكى يىراق- يېقىنغا داڭلىق <قارا مور كەنتى>، بۇ ئىككى يىلدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ زور. كەنت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز مۇخبىرغا.

  2- ئاينىڭ 18- كۈنى، تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە بۇلتۇر قۇرۇلغان زەمبۇرۇغ پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ 2- قارارلىق تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، كەنت ئاھالىسى جېلىل توختى ماسكا تاقاپ، كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىپ، زەمبۇرۇغلارنى رەتلەۋاتاتتى. بۇ قارىماققا كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان زەمبۇرۇغلار دەل تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ئەڭگۈشتەر» ئىدى.

  «نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق مايىللىشىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىشان- مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىن ئىبارەت بۇ ئىلگىرىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنت قارا مور كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

   كەسىپنى توغرا تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  «ئورمانلىقتا قارا مور ئۆستۈرۈش تېرىقچىلىق تۈرىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىكى يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندۇرۇش»

  تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.9 مو، لېكىن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەككە، تۇپرىقىنىڭ شور تەركىبى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى ئاز، باغ- ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتى تۆۋەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى قىيىن ئىدى.

  تۇنساخان جۈمە ئىشچان ئايال، ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنساخان كۈنلۈك ئىشلەش، يەر تېرىشقا تايىنىپ ئۈچ بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلدى. لېكىن يەر تېرىشتىن قىلغان بىر يىللىق كىرىمى 8000 يۈەنگە يەتمەيتتى. بالىلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە چوڭ بولۇۋاتقانلىقى، ئۆينىڭ چىقىمىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا قاراپ، تۇنساخان غەم دەستىدىن ياخشى ئۇخلىيالمىدى.

  كەنت كادىرلىرىمۇ غەم قىلىۋاتاتتى، باش شۇجى 2020- يىلىغا بارغاندا، «دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، قانداق قىلىپ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى قەيەردە؟

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى يېزا ئىگىلىك، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە، بۆسۈش ئېغىزىنى بىرلىكتە ئىزدىدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر چىقىش يولى تېپىلدى: تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، سۇ مەنبەسى مول، باغ- ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمى خېلى چوڭ، ئورمانلىقتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

  «بىز ئورمانلىقتا قارا مور ئۆستۈرۈش تېرىقچىلىق تۈرىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىكى يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى كېچيۇڭ.

  2017- يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، تۇنساخان قاتارلىق 65 نامرات ئاھالە كەنتتىكى بىرىنچى تۈركۈمدىكى قارا مور تېرىقچىلىق ئائىلىسىگە ئايلاندى.

  مۇخبىر تۇنساخاننىڭ ھويلىسىدا دەرەخ ئاستىدىكى نېپىز سولياۋ بىلەن يېپىلغان تۆت پارنىكنىڭ قارا مورنىڭ «ئۆيى» ئىكەنلىكىنى كۆردى، ئىگىلىگەن يەر بىر موغا يەتمىسىمۇ، بىراق بۇلتۇر تۇنساخانغا 12 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كەلگەنىدى. قېلىن بىر تۇتام پۇلنى ساناپ، تۇنساخان قىن- قىنىغا پاتماي خۇش بولۇپ كەتتى.

   پۇل تېپىش، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك

  «كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرۇش»

  قارا مور نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسىنىڭ ئاق تاملىق، كۈل رەڭ كاھىشلىق ھويلىسىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئىشچىلار قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنىدى. بۇ يەرگە كىرىش بىلەنلا، مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئېچىغان خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى، بۇ، ياڭاق دەرىخى شېخىنىڭ يانجىلغاندىن كېيىنكى خۇش پۇرىقى ئىدى.

  بۇ شاخ ئۇۋاقلىرى پىششىقلىنىپ زەمبۇرۇغ قىلىناتتى. ئىشچىلار بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى زەمبۇرۇغ سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە كۈنىگە 20 مىڭ زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقارغىلى بولاتتى.

  جېلىل كەنتتىكى 1- تۈركۈمدە جېجياڭلىق قارا مور تېرىقچىلىقىدىكى دېھقان تېخنىك مۇتەخەسسىسىگە ئەگىشىپ تېخنىكا ئۆگەنگەن كەنت ئاھالىسى. ھازىر جېلىل ئۆز ئۆيىدە مور تېرىپلا قالماي، يەنە زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى ھەم تېخنىكىسى ياخشى بولغانلىقتىن تېخنىكلىققا تەكلىپ قىلىندى.

  جېلىل ئائىلىسىنىڭ 16 مو يېرى بار، بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىغاندىن باشقا يەنە ئالتە مو يەردە ياڭاق ئۆستۈردى. بۇلتۇر، كەنتتە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يەنشەنچىڭ قارا مور تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، جېلىل ئاكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  «ھازىر كەنتتىلا ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ، پۇل تېپىش، ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ» دېدى جېلىل خۇشال ھالدا. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى توكسىكلىتىنى ھەيدەپ ئون مىنۇتتىلا زاۋۇتقا بېرىپ ئىشقا چۈشەلەيدۇ. يەنە بىر قېتىم كىرىمىنى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى: 2018- يىلى، زەمبۇرۇغ زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالدىم، ئۆيۈمدە تېرىغان قارا مورنى 13 مىڭ يۈەنگە ساتتىم، قارا مور تېرىقچىلىقى ئائىلىلىرىگە پارنىك سېلىپ بېرىپ 1500 يۈەن تاپتىم، ئۈچ توننا ياڭاق شېخىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا سېتىپ بېرىپ يەنە 500 يۈەن كىرىم قىلدىم. قارا مور تېرىقچىلىقىغا تايىنىپ ئۇ بىر يىلدا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانىدى.

  بۇلتۇر، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يەنشەنچىڭ قارا مور تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى «7- كەنت قارا مورى» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى ھەم يېشىل ئورگانىك ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتتى. دېھقانلارنىڭ قولىدىن سېتىۋالغان بەش توننا قارا مورنى پاك- پاكىز سېتىپ بولدى، بەزىلىرىنى فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىپ، خېرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاددىي ھالدىكى پۇل بېرىش، ماددىي بۇيۇم بېرىش، قوي- كالا بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى لى كېچيۇڭ.

   ئەقىل، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرمۇ نامرات ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ نامرات ئاممىنى تاشلاپ قويماسلىق»

  تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە كېتىۋاتقىنىڭىزدا، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان ئاسفالت يول، قىزىل تام، قارا كاھىشلىق يېڭى مەكتەپ قورۇسى، تۇتاش كەتكەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى، ئىقتىدارى تولۇق خەلققە قولايلىق بازار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، يېپيېڭى قىياپەتكە قاراپ، بۇ يەرنىڭ يېزا ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

  لى كېچيۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقىل، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دېگەن، كەنتىمىز بۇنى ئىنتايىن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىر كەنتىمىزدە بىكار ئادەم يوق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش ياكى خىزمەت بىلەن ئالدىراش.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان چۈجوۋ ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئالدىدا، كەپشەرلەش، شوپۇرلۇق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنى ئۆگىتىش توغرىسىدىكى ۋىۋىسكىلار ئېسىلغان قاتار كەتكەن تەربىيەلەش سىنىپلىرى تەربىيەلىنىشكە قاتناشقىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ھاجىرەم ئەمەتنىڭ «پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سىنىپى»دا، بىر قىسىم ياش ئاياللار ئاپئاق ئاشپەز كىيىمى كىيىپ، ھاجىرەمدىن پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋاتاتتى. بۇ تەربىيەلەش سىنىپى، ھەم دەرسخانا، ھەم دۇكان بولۇپ، ھەر خىل پېچىنە- پىرەنىك سېتىلىدۇ، يەنە راڭپىزىمۇ سېتىلىدۇ، بىر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىنىدۇ.

  سەمەتتۇر تۇرسۇن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ قارا مور تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن، سەمەتتۇر ئۆيىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ئارام ئالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارا مور تېرىپ ئوتتۇرىچە 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تىت- تىت بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالدى. «كەنت ئۇيۇشتۇرغان مەركەزلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، مەن قارا مور تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى كۆردۈم» دېدى سەمەتتۇر.

  كەنتتىكى خەلققە قولايلىق بازاردا بىر مېھىر- شەپقەت تاللا بازىرى بار، بۇ يەردە نەرسە- كېرەك سېتىۋالغاندا مېھىر- شەپقەت جۇغلانما نومۇرى ئىشلىتىلىدۇ. خىزمەت ئەترىتى نومۇر جەملەش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنتتىكى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، «مېھىر- شەپقەت جەملىمە نومۇرى»غا ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈردى. بۇ ئۇسۇل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك ئۆزئارا ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ، قىزغىنلىق بىلەن كەنتتىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.

  «بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، باش شۇجىغا شۇنداق دوكلات قىلىمىزكى، بىزنىڭ كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرمۇ نامرات ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويمىدى، بىرمۇ نامرات ئاممىنى تاشلاپ قويمىدى» دېدى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئەلى غوپۇر.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان