ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لوپ ناھىيەسى دول يېزىسىنىڭ خالۋاپ كەنتى−

كادىرلار بىلەن ئامما مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلدى

مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

2019.02.27 14:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا زىچ تايىنىپ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

                                                      − شى جىنپىڭ

  2- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپ ناھىيەسى دول يېزىسىنىڭ خالۋاپ كەنتى ناھايىتى جىمجىت بولۇپ، يوللار پاكىز تازىلانغانىدى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يولغا يېشىل يوپۇرماقلار بىلەن بېزەلگەن بىر قاتار ئىنتايىن چوڭ كەپتەر قەپىسى قويۇلغان بولۇپ، قۇياش نۇرىدا ئويغانغان ھەر خىل رەڭلىك تاماشا كەپتەرلىرى كىچىك ياغاچ ئۇۋىدىن چىقىپ دانلاپ، «گۇ گۇ» قىلىپ يېنىك ئۈنلەۋاتاتتى.

  «ئىشچانغا باھار بالدۇر كېلىدۇ. كۈندۈزدە كەنتتە ئانچە كۆپ ئادەمنى ئۇچرىتالمايسىز، بىزنىڭ كەنتتە ئاساسەن <بىكارچى> قالمىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالدىراش بولۇپ كەتتى.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تولىم جانار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

   كەسىپلەر تەرەققىي قىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيدى

  «كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆپچىلىكنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىدى، ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش جۈرئىتى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن»

  خالۋاپ كەنتى ئىلگىرى بىر نامرات كەنت بولۇپ، كىشى بېشىغا ئاران 0.8 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى قاتمال بولغاچقا، ئۆيىدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايتتى، بىر ئائىلىدىكى نەچچە جان كىچىككىنە يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش نورمال ئەھۋال ئىدى.

  قانداق قىلىش كېرەك؟ تولىم مۇنداق دېدى: ئاۋۋال كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك، ئۈمىدنى كۆرگەندە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوزغىلىدۇ. 2016- يىلى، خالۋاپ كەنتى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى، كەنتتە قۇرۇلغان خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇنىڭغا زور تۆھپە قوشتى.

  بۇ كەنتتە كەپتەر بېقىش ئەنئەنىسى بار ئىدى. 2017- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا باشلامچى بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 69 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى تېپىشىغا تۈرتكە بولدى. «بىز تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ 3000 يۈەن ھەدىيە پاي قوشۇشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە ھەر يىلى پايدا ئايرىپ بەردۇق» دېدى تولىم تونۇشتۇرۇپ.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زامانىۋى كەپتەر قەپىسىدە پار، يەم- خەشەك، سۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك تەمىنلىنىدۇ، كەپتەر تۇخۇمى بىلەن گۆش كەپتىرىنى لوپ ناھىيەسى ۋە «تيەنشيا» كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتى بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ ۋە ساتىدۇ. بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىككى قېتىم پايدا ئايرىدى، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە تەقسىم قىلىندى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكى سەيدىمەخمۇت سىراجىئەخمەت قارامتۇل، چېھرىدىن ئاق كۆڭۈللۈكى چىقىپ تۇرىدىغان كىشى بولۇپ، بىر جۈپ قولىنى قاداق بېسىپ كەتكەنىدى. ئىلگىرى ئۇ كەپتەر بېقىشنى ياخشى كۆرەتتى، لېكىن كەسىپ تىرىكى بولمىغاچقا، كەپتەرلىرىنى ساتالمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقۇمدىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى بىلمىگەچكە، خېلى زىيان تارتقانىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، خىزمەت ئەترىتى ئىچكىرىدىن تېخنىك خادىم تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا زامانىۋى بېقىش، باچكا چىقىرىش، نەسىللەندۈرۈش ۋە يۇقۇمدىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كەپتەر بېقىش ماھىرىغا ئايلاندى.

  سەھەر سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشنى كەپتەر مايىقىنى تازىلاشتىن باشلايدىغان سەيدىمەخمۇت ھەر كۈنى كەچ كىرگىچە ئالدىراش بولۇپ، 6000دىن ئارتۇق كەپتەرنى ئەتراپلىق بېقىپ كەلدى. «ھەر ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالىمەن، بۇلتۇر، ناھىيەلىك پەن- تېخنىكا ئىدارىسى مېنى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى» دېدى سەيدىمەخمۇت. بۈگۈنكى كۈندە، سەيدىمەخمۇت 13 شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىقتى، ئۇنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ كەنتتىن، يەنە بەزىلىرى قوشنا كەنتتىن.

  «باش شۇجى: نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەپ قوزغاش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. خالۋاپ كەنتى باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، بۈگۈنكى كۈندە، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆپچىلىكنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىدى، ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى جاسارىتى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.» تولىم مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكىلەر تالىشىپ تۇرۇپ سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە 444 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېرىمغا يېقىنى ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى، كەنتتە قۇرۇلغان زاۋۇتمۇ بىرقانچە ئون ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

   پارتىيە ئەزالىرى ئالدىدا ماڭدى، ئامما ناھايىتى ئىشەندى

  «جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش− پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرىپى ۋە مەسئۇلىيىتى»

  ھەر ھەپتىنىڭ 1- كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش كەنتتىكى چوڭ ئىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بەس- بەستە قاتنىشىدۇ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ چوڭ ھويلىسى لىققىدە تولىدۇ. ئارقىدىن تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تىپلىرى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەيدۇ، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ چېھرىدە نامايان بولىدۇ. «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆڭلىدە بەسلىشىدۇ، ھازىر كىمنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ پۇل تاپقانلىقىنى سېلىشتۇرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خالۋاپ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ئارداق ياسىن مۇنداق دېدى: كەنت «بىكار تۇرالماسلىق» كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، بىكار يۈرىدىغانلارنى كەنتتە «بېشىنى كۆتۈرەلمەس» قىلىۋەتتى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىشى، بېيىشى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىدىن بولدى. ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئەلرايىنى بىلىش؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ، كەسىپنى بېكىتىش؛ تەشۋىق قىلىپ يېتەكلەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش... ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتكە ئۇپراپ تېشىلىپ كەتكەن ئاياغ چەمى، تۈن بويى يېنىق تۇرغان ئۈستەل چىرىغى، تۈن بويى كىرپىك قاقماي قىزارغان بىر جۈپ كۆزلەر تۈرتكە بولغانىدى.

  بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئارداق قىرغىز مىللىتىدىن، 28 ياشلىق تولىم قازاق مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلار 2017- يىلى ئارقا- ئارقىدىن بۇ كەنتكە كەلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار ياخشى ئۇستاز- شاگىرت، ياخشى ھەمراھلارغا ئايلىنىپ، كەنتنىڭ تەرەققىياتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى چۆرىدەپ بىرلىكتە باش قاتۇرۇپ، بىرلىكتە چارە ئويلىدى.

  «1- شۇجى ماڭا بەنزىنى قانداق يېتەكلەشنى ئۆگەتتى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ھۆرمەت قىلىشى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.» تولىم مۇنداق دېدى: بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇلى باشتىن- ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش نۇرغۇن قېتىم ئائىلە زىيارىتى قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئۆتتى، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ۋە كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىلىپ، ئەلرايىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى.

  «باش شۇجى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ئىشلار دەل پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. بىز مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىمىز.» ئارداق مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئىجادىي ھالدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى.

  ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدا، بىر پارتىيە ئەزاسى ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 19 ئائىلىنى يېتەكلەپ، بىللە كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، پارتىيە ئەزاسى 10 مىڭ يۈەن چىقىرىپ پاي قوشىدۇ، نامرات ئائىلە 10 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ۋە 10 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت تولۇقلىما پۇلىنى پاي قىلىپ قوشىدۇ، ئۈسكۈنە ۋە باچكا سېتىۋېلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ زامانىۋى ئۇسۇلدا باقىدۇ. كەنتتە بۇنداق ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىن ئۈچى بار، نامرات ئائىلىگە بىر يىلدا 6000 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ.

  بىر ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى پارتىيەلىك باشلامچى توختىۋەلى قۇربان 25 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە. «مەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، سەھىيە- يۇقۇم مۇداپىئەسى، كارخانىلار بىلەن ماسلىشىپ يەم- خەشەك بىلەن تەمىنلەش، مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل، ھازىر كەپتەر تەمىناتى ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتىدۇ» دېدى توختىۋەلى.

  گەرچە باشقىلاردىن كۆپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، بىراق توختىۋەلىدە كۈچلۈك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بار، چۈنكى ئامما پارتىيە تەشكىلى، پارتىيە ئەزالىرىغا تېخىمۇ ئىشىنىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ئىكەن، جەزمەن جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە بولۇش، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش− پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرىپى ۋە مەسئۇلىيىتى» دېدى توختىۋەلى كەسكىنلىك بىلەن.

   غەيرەت يېتەرلىك بولدى، ئارزۇغا قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى

  «ئىدىيە يېڭىلاندى، جاپالىق ئەجىر قىلغاندا تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ»

  خالۋاپ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىنىغا ئىككى يىل بولدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىككى قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنى ئويلىماقتا.

  «بۇ ئىككى يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرى ئىدىيەدە ئازاد بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، ھەممىسىنىڭ روھىي كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ» دېدى تولىم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ ئادەمدە، ئادەمنىڭ ئىدىيەسى، ئىقتىدارى، غەيرىتىدە.

  مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا كۆرگەن ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى، بۇنىڭ چىن كۆڭۈلدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ زور ئارزۇسى بار بولدى، بۇ ئىدىيە، ئىقتىدار ۋە غەيرەتنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق دەلىللەپ بەردى.

  كەنتتىكى كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان، كەنت قۇرغان زاۋۇت ئىككى رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىدە تىڭشىغۇچ زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بىرىدە تىككۈچىلىك قىلىنىدۇ. كەنت ئاھالىسى تۇرسۇننىسا ئەخمەتنىڭ تىڭشىغۇچ زاپچاسلىرى زاۋۇتىغا كەلگىنىگە تۆت ئاي بولدى. «مەن ئىشقا تېخىمۇ پىشىپ، كۆپرەك مائاش ئېلىپ، ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.» تۇرسۇننىسانىڭ سۆزى ئىشەنچكە تولغانىدى.

  زاۋۇتنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردىمەمەت ئەخمەت ئەر- خوتۇنمۇ ئوخشاشلا ئالدىراش ئىدى، خوتۇنى بۇپاتەم بەكرى بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى ئاچقان بولۇپ، زاۋۇتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئاياللارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگەتكەنىدى. ئاق خالات كىيگەن تۇردىمەمەت ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانىنى باشقۇراتتى، «ئائىلەمنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى كىرىمى 15 مىڭ يۈەن بولدى، ئائىلەمدە توڭلاتقۇ، تېلېۋىزورنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەس، مېنىڭ كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغۇم بار».

  ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ، 58 ياشلىق توختىنىسا باراتمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇنىڭ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى كېسىلى بار بولۇپ، تۈر مەبلىغى ياردىمى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، بۇلتۇر 2000 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇمۇ بىكار تۇرۇشنى خالىمىدى، ئۆيىدىكى توققۇز قويىنى سېتىۋېتىپ، سۈت كالىسى سېتىۋېلىپ، سۈت سېتىشنى ئويلىدى، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولاتتى.

  كەنت ئاھالىسى تۇرسۇننىياز مەخمۇتنىڭ ئۆيى ئىنتايىن چىرايلىق بېزەلگەنىدى، تېلېۋىزوردا لوپ ناھىيەسىنىڭ قانۇن دەرسخانىسى پىروگراممىسى قويۇلۇۋاتاتتى. بۇ كەنت تور بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ھەممە ئائىلىدە تور تېلېۋىزىيەسى بار ئىدى. 2018- يىلى كەنت 3 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى يېنىدىكى بەش دېھقان ئائىلىسىنى دۇكانغا ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

  «كەنتىمىز ناھىيە بازىرىغا يېقىن، يازدا بۇ يەردە كەچلىك بازار ئېچىلىدۇ.» تۇرسۇننىيازنىڭ ئۆيىدە ئايرىمخانا بار ئىكەن، ھويلىسىدىكى ياڭاق دەرىخىنىڭ ئاستىغا ئۈستەل- ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ، ھاۋا ئىسسىسىلا مېھمان كۈتۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇ بەش ئائىلە بىلەن بىرلىشىپ نان ياقىدىكەن، ماتاڭ ياسايدىكەن، دېھقان ئېشى ئېتىدىكەن، بۇلتۇر ھەربىر ئائىلە 3000 يۈەن كىرىم قىپتۇ.

  «ئىدىيە يېڭىلاندى، تىرىشىپ ئەجىر قىلغاندىلا، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىدە، بىز چوقۇم تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ئىشچان بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمىز»، دېدى ئارداق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان