ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھەربىي فورما ئالماشسىمۇ، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمەسلىك

− ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى جاڭ بىتاۋ توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ

2019.02.27 14:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىلاۋە

  ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماي، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يارقىن دەۋر بەلگىسى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «ئەڭ گۈزەل ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر» ئىستونىنى ئېچىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرىنى خەۋەر قىلىدۇ، نەزەر سالغايسىزلەر.

  «تۆھپە قوشۇش، ئىتتىپاقلىشىش، كەسىپنى قەدىرلەش». جاڭ بىتاۋ بۇ ئۈچ سۆزنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز قىلىپ كەلدى.

  1980- يىلى ھەربىيلىككە قاتناشتى، 2010- يىلى ساقچى بولدى، ھەربىي فورما ئالماشقان بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى.

  جاڭ بىتاۋ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى. 30 يىللىق ھەربىيلىك ئىستاژى، توققۇز يىللىق ساقچىلىق ئىستاژىغا ئىگە جاڭ بىتاۋنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئىككى باسقۇچتىكى ۋاقىت ئوقىغا بىر قاتار بەلگىلەر خاتىرىلەنگەن: بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، تۆت قېتىم 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، تۆت قېتىم تەقدىرلەنگەن، 2014- يىلى «مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەمۇنىلىك كادىر» بولۇپ باھالانغان.

  «جىسمىمغا ھەربىينىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىكەن، جەزمەن بىر لاياقەتلىك ئەسكەر بولۇشۇم كېرەك» دېدى جاڭ بىتاۋ 2- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرغا.

  ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ يېڭىش

  2010- يىلى 5- ئايدا، جاڭ بىتاۋ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىگە كېلىپ، پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى بولدى. شۇ يىلى جاڭ بىتاۋ 49 ياشتا بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ئەمدىلا تەشكىللەنگەنىدى.

  «ئىككىلىنىش ۋە ئەنسىرەش ھاجەتسىز، ئىشلىسەكلا بولىدۇ.» جاڭ بىتاۋ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەندىلا يەڭگىلى بولىدۇ.

  مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ بىتاۋ يەلكىسى مەزمۇن بولغاندىلا، ئاندىن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى.

  ئەمدىلا تەشكىللەپ قۇرۇلغان ئەترەتتە، ئارمىيەدىن قايتقان ھەربىيلەر، ساقچى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەنلەر، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر بار ئىدى، ياشلار كۆپرەك ئىدى، ئەمما ئىقتىدارى پەرقلىق بولۇپ، ئوخشاش ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىدىكى «ئۈچ يوق بولۇش» (تېزىس يوق بولۇش، دەرسلىك يوق بولۇش، ئۈسكۈنە يوق بولۇش)تەك ئەھۋالدا، قانداق قىلىپ بۇ ئەترەتنى ياخشى يېتەكلەش بىرىنچى قىيىن مەسىلىگە ئايلانغانىدى.

  جاڭ بىتاۋ تور، كىتاب، كوللېكتىپ ئۆگىنىش قاتارلىق تۈرلۈك يول ئارقىلىق ئالاھىدە ساقچى قىسىم خىزمىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، بىر ھەربىيدىن بىر ئالاھىدە ساقچى قىسىم كوماندىرىغا ئايلىنىشنى ناھايىتى تېز تاماملىدى.

  پايدىلىنىدىغان تەييار تەجرىبە بولمىغاچقا، جاڭ بىتاۋ بىر تەرەپتىن تەشكىللەپ قۇرۇش، بىر تەرەپتىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىم مەشىق تايانچلىرىنى تەشكىللەپ قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا تەكشۈرۈش- ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ھازىرقى مەشىق مېخانىزمىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىمىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، فۇنكسىيەلىك ئورنى، ئايلىنىش ئەندىزىسى، مەشىق كاپالىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 2011- يىلى باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىمىنىڭ مەشىق تېزىسىنى تۈزدى ھەم كېيىنكى يىلى 24 پارچە يۈرۈشلۈك دەرسلىكنى تەھرىرلەپ تۈزدى، تەكشۈرۈپ باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالاھىدە ساقچى قىسىمنىڭ مەشىقىنى ئاساسلىنىدىغان بەلگىلىمىگە، ئەمەل قىلىدىغان قائىدىگە ئىگە قىلدى.

  ئۇل سالىدىغان، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان بۇ خىل ئىشلاردا ئۆزىنى نامايان قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ. يېتەكچىلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، دەرسلىك تۈزۈش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى راۋانلاشتۇرۇش... ئالاھىدە ساقچى قىسىم باش ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇلغان بىرىنچى يىلى، ئەڭ ئالدىراش بولغان چاغلاردا، جاڭ بىتاۋ ئۇدا ئۈچ ئاي ئۆيىگە قايتمىدى، ياتىقىغا كىرسىلا ئۆزىنى تاشلاپ ئۇخلاپ كېتەتتى.

  جاڭ بىتاۋنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىنىڭ مەشىقنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى.

  چوڭ ھەربىي مەشىق ئارقىلىق جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش

  30 يىللىق ھەربىيلىك كەچۈرمىشىگە ئىگە جاڭ بىتاۋ شۈبھىسىزكى، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مول ئەترەت باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئويلىغانلىرى بار ئىدى.

  ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىگە كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، جاڭ بىتاۋ باش ئەترەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق توققۇز تارماق ئەترەتنىڭ مەشىق ئەھۋالى، ماھارەت- تاكتىكا سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى ئاساسىنى ئېنىقلاش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق مەشقاۋۇل ۋە مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش تايانچلىرىنى يېتىشتۈردى، باش ئەترەتتە ئاساسىي بەدەن ئىقتىدارى ئومۇمىي مەشىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ مەزگىلدە، جاڭ بىتاۋ تەشەببۇس قىلغان «بەش كىچىك ھەربىي مەشىق» « ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىلەن مەشىق يۇغۇرۇلغان ھەربىي مەشىق» «ماھارەت كۆرسىتىش ھەربىي مەشىقى» «مانېۋىر بىرىكمە ھەربىي مەشىقى» قاتارلىق مەشىق ئۇسۇللىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھەم قېرىنداش ئورۇنلار تەرىپىدىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئۆرنەك قىلىندى.

  باش ئەترەتنىڭ مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىدە ئاساس سېلىشنى تاماملايدىغان بىر يىلدا، جاڭ بىتاۋ مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىنچىكە مەشىققە قاراتتى، ئۆلچەم بايرىقى ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى.

  2011- يىلى، جاڭ بىتاۋنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى تۆت ئاي داۋاملاشقان «ئەتىيازلىق ھەربىي مەشىق» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ئالاھىدە ساقچى قىسىمنىڭ «يازلىق ھەربىي مەشىق» پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەربىي مەشىق، بارلىق خادىم قاتناشقان ھەربىي مەشىق، تولۇق جەريانلىق ھەربىي مەشىقنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىدىكى ھەرقايسى تارماق ئەترەتلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى تېزدىن شەكىللىنىپ، بىر تەرەپتىن تەشكىللەپ قۇرۇش، بىر تەرەپتىن مەشىقلەندۈرۈش، بىر تەرەپتىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ مۇكەممەللەشتى.

  مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتى ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن، باش ئەترەتنىڭ ئەمەلىي جەڭ سەۋىيەسىنى قانداق ئۆستۈرۈش جاڭ بىتاۋ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

  مەشىق مەيدانى، ئۈسكۈنە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق قاتتىق دېتال شارائىتى كەمچىل ئەھۋالدا، جاڭ بىتاۋ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 2012- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىمىنىڭ قىشلىق چوڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، 2013- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىمىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ۋە دوكلات مانېۋىرىنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولدى. مۇسابىقىلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ساپاسى تاۋلاندى.

  كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش

  جاڭ بىتاۋ دائىم خىزمەتداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئۆمۈر خەلقنىڭ چاكىرى بولدۇم، بىراق ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزتۇرا ئىشلەپ باقماپتىمەن.

  2018- يىلى، 57 ياشلىق جاڭ بىتاۋ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىلىشقۇ بازىرى قاراباغ كەنتىگە بېرىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تىزىمغا ئالدۇردى.

  قاراباغ كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 446 ئائىلە بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 136 نامرات ئائىلە، 511 كىشى بار.

  «ئىلگىرى، مەن بىر قوشۇننى ياخشى يېتەكلىگەنىدىم، ھازىر، مەن ھەم بىر كەنتنى ياخشى يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن» دېدى جاڭ بىتاۋ ئىشەنچ بىلەن.

  كەنتتە تۇرغان بىرىنچى يىلى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە بىر كىرئالغۇ سوۋغا قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ئىشلىتىشنى بىلمەي، كىر يۇيۇش ئاۋارىچىلىككەن، قولايسىزكەن دەپ غۇدۇراشتى.

  كىرئالغۇ ۋەقەسىدەك ئىشلار بىرلا ئەمەس، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا كەنت ئاھالىلىرى نامرات، كۆرگەن- بىلگىنى ئاز. جاڭ بىتاۋ مۇنداق ۋەدە بەردى: چوقۇم شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى زامانىۋى، مەدەنىي يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

  كەنتتىكى بەزى نامرات ئاھالە يەر تېرىشنى بىلمەيتتى، يەرنى ئاق قالدۇرۇشقا رازىكى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايتتى، جاڭ بىتاۋ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ خىزمەت ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلدى.

  بۇ يىل جاڭ بىتاۋنىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى، كەنتتە، كەنت ئاھالىلىرى دائىم مۇنداق دەيدۇ: «جاڭ ئەترەت باشلىقى ياخشى دوستىمىز، ياخشى قېرىندىشىمىز».

  قاراباغ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى يول بويىدا بىر يايما بولۇپ، جاڭ بىتاۋ يايما ئىگىسى ئابلىز ئابلا بىلەن ياخشى دوست. ئابلىزنىڭ ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق ھەم جاپاغا چىدايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، جاڭ بىتاۋ توردىن چوڭ توكلۇق تاۋا سېتىۋېلىپ ئابلىزغا سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭغا تاۋا نان، تۇخۇم پوشكىلى قاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ سېتىشنى ئېيتتى. تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئابلىز كۈنىگە 100 يۈەن تاپالايدىغان بولدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كۈتۈش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش ئۈچۈن، جاڭ بىتاۋ دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى.

  جاڭ بىتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمرۈمدە پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشتەك ھەربىيلەر روھىنى مەڭگۈ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنسەممۇ خسىلىتىمنى يوقاتماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان