ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2019.02.24 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جېڭ جونىڭ 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېچىلغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2019- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇشنى پۇرسەت بىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتىدىكەن.

  2019- يىلى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، «شىنجاڭنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2020− 2018 يىل)» «<ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە> <كۈيتۈن- مايتاغ- شىخو> رايونىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسى» چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، تىرانسپورت، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدۇ. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت لايىھەسى» چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ئورنىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىقلاردىكى بۇلغىما مەنبەسىنى ئازايتىش ۋە سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تۇپراق بۇلغىنىشىنى تۈزەش پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمەت لايىھەسى» چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى باھالاش ھەم نەتىجىلەرنى توپلاش خىزمىتى تاماملىنىدۇ. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزىلاردا تۇرمۇش ئەخلىتى، پاسكىنا سۇنى تۈزەش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، باقمىچىلىقتىن بۇلغىنىش كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ، تېرىقچىلىقتىن بۇلغىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە تىزگىنلىنىدۇ.

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايون كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تۆت مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلانغان. 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەت(مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %74.7 بولۇپ، 2.5 PMنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 تۆۋەنلىگەن؛ كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەلا، ياخشى بولغان سۇ سۈپىتى نىسبىتى %74.2 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 پوئېنت ئۆرلىگەن؛ تۇپراق مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مېھرىگۈل