ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى
(3)

(2019- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى)

2019.02.21 17:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  (4) يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي مىقدارنى ئاشۇرۇش، ساقلانمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىكى تولۇقلىما سىياسىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇنلىشىش، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. «سېرىق ساندۇق» سىياسىتىنى تەڭشەپ ياخشىلاپ، «يېشىل ساندۇق» سىياسىتىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش يۈزلىنىشى بويىچە، شال ۋە بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆممىقوناق ۋە دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلار تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كىرېدىت كېپىللىك ھەق نىسبىتى تولۇقلىمىسى ۋە تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ باھالاش كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كېپىللىك كۆلىمىنى تېزدىن زورايتىش كېرەك. كۆلەمنى كېڭەيتىش، سورتنى كۆپەيتىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شال، بۇغداي، كۆممىقوناقنىڭ تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك چوڭ ئاپەت سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە «سۇغۇرتا + قەرەللىك مال»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىدا تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز پۇل ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆز كەسپىگە قايتىپ، ئۆز جايىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سودا بانكىسىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. پەرقلىق تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە پەرقلەندۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» كىرېدىت كېپىللىك مۇلازىمىتىنىڭ بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك كىرېدىت مەدىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك مال، قەرەللىك ھوقۇق تۈرلىرىنى بازارغا سېلىشنى قوللاش كېرەك.

  ئالتىنچى، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش

  (1) يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت، بازار بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك كېڭىشىش، مەسلىھەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى ئاشكارىلاشنى ئالغا سىلجىتىش، كەنت دەرىجىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردا كەنت قائىدىسى ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلامنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (2) يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دېھقانلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ئىدىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەشۋىقات- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دېھقانلار ئاممىسىغا ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېنلىرى ۋە يېزىلارنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە، مەدەنىي كەنت- بازار، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرى ۋە تىپلىرىنى قېزىپ ۋە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت زالى، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، خاس مەدەنىيەت كەنت- بازار، كەنت- مەھەللىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ چەكلەش خاراكتېرى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىدىكى ناچار ئادەت، ئېغىر تويلۇق سېلىش، ۋاپادارلىق كۆرسەتمەسلىك، ياشانغانلارنى باقماسلىق قاتارلىق ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تۈزەشكە يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  (3) تىنچ- ئامان يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى قارا، رەزىل كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، «كەنت زومىگىرى» قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەتنى چىرىتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. دۈشمەن كۈچلەر، بىدئەت تەشكىلاتلار، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ يېزا رايونلىرىغا سىڭىپ كىرىشىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تىنچ- ئامانلىق قۇرۇلۇشى كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ۋە ياخشى سەپلەپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى يېزىلاردىكى مەھەللىلەرگە قويۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئاممىۋى تازىلىق، يېمەكلىك- دورا بىخەتەرلىكى، گېئو ئاپەت زىيىنى قاتارلىق ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى ئاسان يۈز بېرىدىغان ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىيلەشكەن مۇداپىئە كۆرۈش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز قۇرۇپ، يېزىلارنىڭ «روشەنلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش، پەسەيتىش، تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، يېزىلاردىكى پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش

  (1) يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، تەشكىلىي كۈچنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. ئىلغار ياچېيكىلارنى كۆپەيتىپ، ئوتتۇراھال ياچېيكىلارنى ئۆستۈرۈپ، ئارقىدا قالغان ياچېيكىلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارىتا «بىر كەنتكە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، بىرمۇ بىر تەرتىپكە سېلىش كېرەك. كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىغا بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالانغان، «كەنت زومىگىرى» ۋە رەزىل، قارا كۈچلەرگە چېتىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى ئەزالىرىنى قەتئىي تازىلاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەنزىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 1- شۇجىلارنى ۋاكالىتەن ئەۋەتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامرات كەنت، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادى پۈچەك كەنتلەرگە ئومۇميۈزلۈك 1- شۇجى ئەۋەتىش ھەم بۇنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر كەنتلەرگىچە كېڭەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىقىغا تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ئارىسىدىن يېزا- بازار رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، يېزا- بازارلارغا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش، يېزا- بازارلاردا كەسپىي ئىشتاتلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش دائىملاشقان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ياش دېھقانلار، يېزىلاردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ يېزىلارنى تۇتۇش، كەنتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوملار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەرەللىك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى ھەم ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرى ئالمىشىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى يولغا قويۇپ، كەنت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆتنى كېڭىشىش ئىككىنى ئاشكارىلاش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك مۇھىم ئىشلار، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەتقىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (2) كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ فۇنكسىيەسى، ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن تەسىس قىلىش، ۋەزىپىسى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىش بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قائىدىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتىلىق فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز- ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىدا قارار چىقىرىش ۋە ئاشكارىلاش، مال- مۈلۈكنى باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئىشلاردىكى نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش، كوللېكتىپنىڭ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، كوللېكتىپتىكى ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  (3) كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ياكى ئۈستىگە ئېلىشىغا ماس كېلىدىغان خىزمەت، ئىشلارنى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇش ھەم زۆرۈر بولغان خىزمەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى خالىغانچە ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا- بازارلىق، پونكىت- ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا- بازارلارنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا- بازارلاردا دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان قوشۇن بولۇش، بايلىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (4) كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان، مۇقىم بولغان كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققى، تەمىناتى ۋە كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ئېشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوغداش قاتارلىق باشقا زۆرۈر چىقىملارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىشنى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  (1) بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيە، يېزا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش يېزا خىزمىتى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭىتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستاتىستىكا قىلىش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2019- يىلى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوملار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش پىكرىنى تۈزۈشى ھەم تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ئورۇندايدىغان قاتتىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 2020- يىلى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  (2) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر چوقۇم «تۆت ئالدىن» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، زىممىسىگە ئېلىپ، قولىدا تۇتۇپ، سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈپ باھالاش بىلەن باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلىرىنى سەپلەشنى ئالدىن ئويلىشىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىگە تولۇقلاش، سەرخىل كۈچلەرنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە تولۇقلاش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغان كادىرلارنى تاللاپ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. « يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىيات ئامىلىنى تەقسىملەشنى ئالدىن قانائەتلەندۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم توسۇقلىرىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، يېزا ئامىلىنىڭ يەككە يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، بايلىق ئامىلىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى مالىيەدە ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ساھە ۋە پۇل مۇئامىلىدە ئالدىن مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ساھە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مالىيەنى تېخىمۇ زور سالماقتا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مايىللاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇلنى ئاساسلىقى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا ئىشلىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت زايوم مەبلىغىنى بەلگىلىك نىسبەتتە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تۈزۈمنى بىر ئىزىغا سېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەكىل جەھەتتىكى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى ئادىللىققا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكچى پىكىر ۋە كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  (3) يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، سەپلەش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، غەمخورلۇق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى تەشەببۇش قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، دېھقانلارغا بولغان ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش، نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىپ بولالماي چارچاپ ھالىدىن كېتىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زېھنىي كۈچىنى ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشقا مەركەزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا- كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى ھەر دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى بىرتۇتاش ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە يېزا- كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىش ئورنى بىلەن ئىشتاتنى مۇۋاپىق ئايرىش، ئىش ئورنى ئوقۇش تارىخى تەربىيەسى، ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن كەسپىي تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە ئائىت سىياسەت- پىكىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  (4) دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشى، سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەپ- يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى قوزغاش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قوزغىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالار قۇرۇش- ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش، مەبلەغ- ئەمگەك كۈچى غەملەش، تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپى ۋە دېھقانلارنى بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدىغان كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ يولغا قويۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك. مەبلەغ- ئەمگەك كۈچى غەملەشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈش تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تارايتىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىش ھەم ئارىدىن مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ھازىر، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، تەلىپى تەخىرسىز، يۇقىرىقى سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتتىن باشقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرما قىلغان باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】