ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

(2019- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى)

2019.02.21 17:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان مەزگىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدە جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق ۋەزىپىلەر بار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان، تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىملىققا ئىگە. جەزمەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنى ھەمدە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ۋەدە قىلىنغان يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، كۈچنى توپلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش

  (1) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ۋەزىپىلەرنى كەم- كوتسىز ئورۇنداش كېرەك. بېكىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بار بولغان سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىپ، قارىغۇلارچە ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋېتىش، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىپ، سان- سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى توسۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىشى ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتا بېكىتىپ نامراتلارنى يۆلىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىملىق سۆھبەتكە چاقىرتىشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ھەر ۋاقىت سۆھبەتكە چاقىرتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (2) ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چەكلەۋاتقان نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، تىزىملىك چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت ياردەم بېرىش- يۆلەش، كادىر- ئىختىساسلىقلار قاتارلىق سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر ئالدى بىلەن «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىشى كېرەك. «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىن باشقا نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولغان ئېغىر نامرات رايونلارنىڭمۇ مەبلەغ تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  (3) گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر- بىرىگە باغلانماسلىق، خېيىم- خەتەرنى تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە بىۋاسىتە نەپ ئېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى كېيىنكى تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆچۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كېيىنكى يۆلەشكە سەل قاراش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بىر ئائىلىنى كۆچۈرۈپ، بىر ئائىلىنى مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەزگىلىدە ئوقۇشتىن چېكىنىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماسلىق، ئوقۇشتىن چېكىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش- قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىق كۆپ خىل كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى تور ئاساسىنى پۇختىلاپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە ئارقىلىق يۆلەش، ئەقىل ئارقىلىق يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلاردا كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، روناق تاپقۇزۇش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك نامراتلارنى يۆلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىپلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دائىرىگە كىرگۈزۈش» ۋە قىسمەن نامرات ئاھالىنىڭ ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى دەل جايىدا ياردەم بېرىش- يۆلەش كۈچلىرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قوشۇنىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش، خىيانەت قىلىش، ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ۋە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئالدىن ئېتىبار قىلىش، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  (4) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات ئاھالە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامرات ئاھالىنىڭ قايتىدىن نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كىرىم سەۋىيەسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن سەل- پەل يۇقىرى بولغان ئاممىنى سىياسەت جەھەتتە قوللاش كەمچىل بولۇش قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى يوللاردا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى كېڭەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنكى نامرات ناھىيەلەردە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەت ۋە ئۇلۇغ روھنى يەكۈنلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان- ۋەزىپىلەر 2020- يىلى ئورۇندالغاندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر يولىنى بالدۇر پىلانلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

  (1) ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 1 مىليارد 650 مىليون موغا مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يۆلەش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سورت، تېخنىكا، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىكى ئاساسىي پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون پايدا تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناھىيەلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات- تولۇقلىما سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئالاھىدە قوغداش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ 1 مىليارد 546 مىليون مودىن كۆپرەك سەۋىيەنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زامانىۋى ھاۋا رايىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  (2) يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، 800 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، رەسىمگە ئېلىپ ئارخىپقا كىرگۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش- مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ توپلاش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. رايونلاشقان ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ئېتىز، سۇ، ئورمان، يول، توكنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى بىلەن مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونىنى ئايرىپ بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالدىن «ئىككى رايون»غا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلاش، شېكەر قومۇشى «قوش يۇقىرى» بازا قۇرۇلۇشى دائىرىسىنى ئايرىپ بېكىتىلگەن بارلىق قوغداش رايونلىرىغىچە قاپلىتىش كېرەك. ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملىق يۈرۈشلەشتۈرۈپ سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەرقىي شىمالنىڭ قارا تۇپرىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىدا يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېغىر مېتالدىن بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  (3) يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جىددىي قىس ۋە يېشىل سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە بۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دادۇرچىلىقنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا قىچا ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىپ، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىلارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ۋە پۈتۈن مۇساپىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ياغاچ غوللۇق ياغلىق دانلارنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سۈتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سۈت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك سۈت كالىسى باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، بوۋاقلار- بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاشلىق، يەم- خەشەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم- خەشەك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ رايونلىرىدىكى باقمىچىلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونىدا، كۆلدە، ئامباردا، زىيادە زىچ تور ساندۇقىدا بېقىش بېسىمىنى ئازايتىپ، دېڭىز- ئوكيان باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دەريا، كۆل ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونىدا بېلىق تۇتۇش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش رايونىدا تۇتۇشنى چەكلەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ كۆزىتىش سىستېمىسى، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئافرىقا چوشقا ۋاباسى قاتارلىق ھايۋانات يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (4) يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈپ، بىيولوگىيەلىك ئۇرۇقچىلىق، ئېغىر تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، يېشىل سېلىنما بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان سۇپا بەرپا قىلىپ، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى، پەن- تېخنىكا باغچە رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، دادۇر ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى سورت- نەسىللىرىدە بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ئەلا سۈپەتلىك ئوت- چۆپ ئۇرۇقىنى تېزدىن تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئاجىز ھالقىلاردا ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرى كەسپىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيىتى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلغار، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى توپلاپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ۋە ھەرىكەتچان كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، قوشۇمچە مائاش ئېلىش، نەتىجە ھوقۇق- مەنپەئەت تەقسىمات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  (5) مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىدىكى كاپالەتلىك ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا قويۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچىدە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شال، بۇغداينى جەزمەن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان سورت قىلىپ، كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دانلىق زىرائەتلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز- ئۆزىنى تەمىنلەشكە، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئائىت قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر ماتېرىياللىرى، تەبىئىي كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە سىرتقا چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ ھەم قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېزا ئىگىلىك خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدە جىددىي قىس بولۇۋاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىمپورت يوللىرىنى ئېچىپ، دۆلەت ھالقىغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى گۇرۇھىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە تاشقى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت