ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ۋەتەنپەرۋەر زات دۇ جۇڭيۈەن: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش− بىز ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

2019.02.21 16:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭچۈن، 2- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ لىچۈەن). جىلىن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭجۇلىڭ شەھىرى ھازىر جىلىن ئۆلكىسى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، بۇ جاينىڭ بىر قەدەر بۇرۇنقى ئىسمى خۇەيدې ناھىيەسى ئىدى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات دۇ جۇڭيۈەن دەل مۇشۇ جايدا تۇغۇلغان. قان ھىدى ھەممە جاينى قاپلىغان ئاشۇ دەۋردە، دۇ جۇڭيۈەن مەيلى شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ياكى يىراق غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭدا بولسۇن، ھەممىلا يەردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر ياققا بېرىپ چاقىرىق قىلغان.

  دۇ جۇڭيۈەننىڭ ئەسلىي ئىسمى دۇ چيەنشۆ بولۇپ، 1898- يىلى تۇغۇلغان. 1911- يىلى شېنياڭ ئۆلكىلىك ئىككى دەرىجىلىك سىفەن قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ۋاقتى دەل يۈەن شىكەي ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ۋەزىپە مۈشكۈل، يول يىراق دېگەن مەنىدە ئىسمىنى جۇڭيۈەن دەپ ئۆزگەرتكەن.

  1917- يىلى دۇ جۇڭيۈەن ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، دۇڭجىڭ ئالىي سانائەت مەكتىپىگە كىرىپ ساپالچىلىقنى ئۆگەنگەن. «21 ماددىلىق بېتىم»گە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1922- يىلى ئۇ دۇڭجىڭدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ جاھانگىرلىككە قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى قىلغان، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە دۆلەتكە قايتىپ، شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ تەلەپنامە سۇنغان.

  1923- يىلى دۇ جۇڭيۈەن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، فېڭتيەن (ھازىرقى شېنياڭ)دە شەرقىي شىمالدىكى تۇنجى ساپالچىلىق زاۋۇتى− جاۋشىن ساپالچىلىق شىركىتىنى قۇرغان. 1927- يىلى فېڭتيەن باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى بولغان. ئارقىدىن، شەرقىي شىمالدىكى باشقا ۋەتەنپەرۋەر زاتلار بىلەن بىرلىشىپ 100 مىڭ ئاممىنى قوزغاپ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالدىكى لىنجياڭدا قانۇنسىز كونسۇلخانا تەسىس قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياپون ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولغان.

  18- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇ جۇڭيۈەن بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ)غا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئاممىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك تايانچىغا ئايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي شاڭخەيگە بېرىپ، جوۋ ئېنلەي بىلەن تونۇشۇپ، «دۆلەت ماللىرى سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئەمەلىي قارشى تۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ دائىم «تۇرمۇش» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1933- يىلىنىڭ بېشىدا، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ ئۇرۇش مەيدانى تەشۋىقات ئەترىتىنى باشلاپ، رېخې ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قىسىملىرىدىن ھال سوراپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان.

  1934- يىلى 2- ئايدا، دۇ جۇڭيۈەن شاڭخەيدە «يېڭى ھايات» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇشنى پائال تەشۋىق قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، «بىر مەيدان ئۆزىمىزنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي ئىنقىلابىي ئۇرۇشى» قوزغاشنى تەشەببۇس قىلغان. 1935- يىلى7- ئايدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1936- يىلى، شاڭخەي خۇڭچياۋ ساناتورىيەسىدە داۋالىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ۋەتەنپەرۋەر جياڭلىڭ جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كېڭەشكەن. 1936- يىلى كۈزدە جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، شىئەنگە بېرىپ جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭ ئىككى جياڭجۈننىڭ كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. پۈتۈن مەملىكەتتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال ئېلىپ بارغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى قىزغىن تەشۋىق قىلغان.

  1937- يىلى 9- ئايدا، دۇ جۇڭيۈەن تەييۈەندە جوۋ ئېنلەي، پېڭ دېخۇەي، شۈ شياڭچيەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەم «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشەببۇسىنى تونۇشتۇرغان. شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 1937- يىلى 10- ئايدا، 1938- يىلى 6- ئايدا ۋە 10- ئايدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان.

  1939- يىلى، دۇ جۇڭيۈەن شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان ھەم دائىم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ، «جاھانگىرلىككە قارشى سەپ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان.

  شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، قۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ماۋ دۈن قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەرنى شىنجاڭ شۆيۈەنىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىگەن ھەم بارلىق ئاماللار بىلەن ئىچكىرى جايلاردىن زور تۈركۈمدە كىتاب- ماتېرىيال ۋە ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋالغان، يەنە داڭلىق ئەدەبىيات- سەنئەت ئەربابلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلغان.

  1940- يىلى 5- ئايدا، دۇ جۇڭيۈەن ئىلغار ئىدىيە تەشۋىق قىلىنغان ماقالىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلغاچقا، مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراپ، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. شېڭ شىسەي «خائىن» قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى تۈرلۈك دەھشەتلىك قىيىن- قىستاققا ئېلىپ، قاتتىق قىيناپ ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان، بىراق دۇ جۇڭيۈەن تاكى مەخپىي ئۆلتۈرۈلگىچە باشتىن- ئاخىر قەتئىي تىز پۈكمىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل