ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لىن جىلۇ: قىزىل قەلبى بىلەن تىيانشاننى يورۇتتى

2019.02.20 13:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 2- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى شيۇڭيىڭ، ئاينۇر). شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار، بۇ مەكتەپ 1936- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزچىل قىزىل گېننى مەنىۋى ئىچكى يادرو قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببەتنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھازىر شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى. بۇ مەكتەپ لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، قۇرغۇچىسى ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ.

  لىن جىلۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى لىن ۋېيلياڭ، 1916- يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەيشەن ناھىيەسىنىڭ دوۋخۇ بازىرى داگاڭ كەنتىدە تۇغۇلغان، 1928- يىلى، يېڭى قۇرۇلغان رېنيۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. رېنيۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، لىن جىلۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغان، ئەخلاق- پەزىلەتتىمۇ ۋە ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا بولغاچقا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەكتەپ ژۇرنىلى «تۆگە»نىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، دائىم دەۋرنىڭ ئىللەتلىرىگە قارىتا ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.

  1931- يىلى، لىن جىلۇ گۇاڭجوۋ جۇڭشەن داشۆسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 18- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ «پەقەت جەڭ قىلىشلا قالدى» دېگەن سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىسىنى يازغان. 1943- يىلى، لىن جىلۇ ياپونىيەنىڭ دۇڭجىڭغا بېرىپ، مىڭجى داشۆگە كىرىپ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئوقۇغان. 1935- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1937- يىلى ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنى تېزلەتكەن، شۇ يىلى 6- ئايدا، لىن جىلۇ شاڭخەيگە قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. كېيىن يەنئەنگە بارغان. 1938- يىلىنىڭ بېشىدا، پارتىيەنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، لىن جىلۇ شىنجاڭغا كېلىپ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن، دەل شۇ مەزگىلدە، ئۇ ئىسمىنى لىن جىلۇغا ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ تۈپ لۇشيەنىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  لىن جىلۇ پارتىيەنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي باشقارما باشلىقى، ئاقسۇ مەمۇرىي نازارەت رايونى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  شىنجاڭ شۆيۈەنىدە، لىن جىلۇ يەنئەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي سىياسىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنىغا تەقلىد قىلىپ، «ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي- ساددا بولۇش، جانلىق بولۇش»نى مەكتەپ تەلىمى قىلىپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنىنى قوللىنىپ، يېڭىچە خىزمەت ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئون چوڭ پىروگرامما»نى بايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ دەرسخانىدىن چىقىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى، خادىملارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغان.

  لىن جىلۇ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ يېتىشتۈرۈشى، تەربىيەلىشىدە، كۆپلىگەن ياش ئوقۇغۇچىلار ئىنقىلاب يولىغا ماڭغان، شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ قىياپىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولغان.

  لىن جىلۇ ئىككى ناھىيەدە ھاكىم بولغان مەزگىلىدە، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېچىش قۇرۇلۇشىنى پىلانلىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويغان، قاماقتىكى بىگۇناھ ئاممىنى قويۇپ بەرگەن، دۇرۇس، ئىشەنچلىك، ئىقتىدارلىق ھەر مىللەت ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرگەن، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە يېتىم بالىلارنى بېقىش ئورنى قۇرغان، خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن، دېھقانلارنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىز بىنا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان، زور كۈچ بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرغان، ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلغان.

  1942- يىلى 9- ئايدا، ئەكسىيەتچىل مىلىتارىست شېڭ شىسەي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان زور تۈركۈمدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. دۈشمەنلەر لىن جىلۇ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىپ، ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان، لىن جىلۇ قاتارلىقلار قەتئىي تىز پۈكمەي، تۈرمىدە پارتىيەنىڭ مەخپىي تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، داۋاملىق دۈشمەنگە قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلغان. لىن جىلۇ داڭلىق ئەسىرى «مەھبۇسلار ناخشىسى»دا، ئىنقىلابقا بولغان پىداكارانە سادىقلىقى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پىداكارلىق بىلەن مەيدانىمىزنى ساقلايمىز! كاللىمىز كەتسىمۇ، ئەركىنلىكنىڭ ئالتۇن مۇنارىنى قۇرۇپ چىقىمىز؛ قىپقىزىل قېنىمىز بىلەن قىزىل بايراقنى بوياپ، ئۇزاققىچە جەۋلان قىلدۇرىمىز!»

  1943- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، لىن جىلۇ چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 27 ياشتا ئىدى.

  لىن جىلۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، لىن جىلۇ ھايات ۋاقتىدا قۇرغان كۇچا باشلانغۇچ مەكتىپىگە «لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى» دەپ نام بېرىلدى، لىن جىلۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى بار كوچىغا «لىن جىلۇ كوچىسى» دەپ نام بېرىلدى، شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدىكى بىر يولغا «لىن جىلۇ يولى» دەپ نام بېرىلدى.

  يۇرتىدىكى خەلقمۇ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنى خاتىرىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوۋخۇ بازىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىل ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى قېزىپ، قىزىل گېننى تاۋلاپ، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنى خاتىرىلەش باغچىسى، لىن جىلۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا تايىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۆزگىچە دەرسخانىسى بەرپا قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل