ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئائىلە دۆلەت گۈللەندى»نىڭ ئۈستۈنكى مىسراسى ئېلان قىلىندى

گېزىتىمىزنىڭ چاغانلىق دۈيليەن قوبۇل قىلىش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2019.02.19 15:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

خەتتاتلار، دۈيليەن ھەۋەسكارلىرى ۋە گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىر، مۇھەررىرلىرى چاغانلىق قوبۇل قىلىنغان دۈيليەنلەرنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا. (مۇخبىرىمىز ۋاڭ چېن فوتوسى)
  مۇخبىرىمىز شىڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «يىپەك يولى راۋانلىشىپ ياۋروپا- ئاسىيا گۈلگە پۈركەندى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى». 2- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى چاغانلىق قوبۇل قىلغان دۈيليەنلەرنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ چۈنليەن قوبۇل قىلىنغان 300 نەچچە ئەسەر ئىچىدىن تاللىنىپ، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ چاغانلىق دۈيليەن قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ چاغانلىق گېزىت توپلاش، دۈيليەن قوبۇل قىلىش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

  چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، گېزىت، تور بېكىتى، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىقلار توپلانغان پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن چاغاننىڭ 6- كۈنىگىچە، ھەر كۈنى بىر باش تېما خېتىنى چۆرىدەپ، بىر يۈرۈش چاغانلىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى، يەتتە كۈندە يەتتە باش تېما خېتى «باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى» دېگەن ئۈستۈنكى مىسرانى شەكىللەندۈردى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ھەرقايسى سۇپىلىرى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن دۈيليەن قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى. قىسقىغىنا بىر ھەپتىدە، دۈيليەن ھەۋەسكارلىرىنىڭ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. دۈيليەن قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان دوستلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن، بەزىلىرى ئاخبارات ساھەسىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەملەر، داڭلىق يازغۇچىلار، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، بەزىلىرى ئاددىي ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر، ئامما بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك قاتنىشىشچانلىق ۋە ھەمتۈرتكىلىككە ئىگە، بولۇپمۇ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت دۈيليەن ھەۋەسكارى دۈيليەن قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> شىركىتى) تەھرىرلىك كومىتېتىنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىن 50 پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلىپ، شىنجاڭ دۈيليەنچىلەر جەمئىيىتىگە سۇنۇلدى، مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ، ئاخىرىدا ئالتە پارچە ئەسەرنى مۇكاپاتلاشنى بېكىتتى. شىنجاڭ دۈيليەنچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاۋ دامىڭ مۇنداق باھالىدى: 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «يىپەك يولى راۋانلىشىپ ياۋروپا- ئاسىيا گۈلگە پۈركەندى» دېگەننى ئۈستۈنكى مىسرا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، كۈچلۈك دەۋر خاسلىقىغا ئىگە، «باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى» دېگەن ئاستىنقى مىسرا بىلەن ئۆزئارا بىر- بىرىنى كۈچەيتكەن؛ «يىپەك يولى گۈلگە پۈركىنىش» ئوبرازلىق، جانلىق بولۇپ، «راۋان» سۆزىگە يېڭى يىپەك يولىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى يىغىنچاقلىنىپ، ئۈستۈنكى مىسرا بىلەن ئاستىنقى مىسرا بىر- بىرىگە ناھايىتى ماس كەلگەن.

  چاغانلىق يەتتە چاتما بەتتە، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيىنىڭ خادىمى تاۋ رەن «باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئائىلە دۆلەت گۈللەندى» دېگەن ئاستىنقى مىسرانى يېزىپ بەرگەنىدى. قوبۇل قىلىنغان دۈيليەنلەرنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ئۇ جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى جىشۈن، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى گۈزەل سەنئەت مائارىپى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي فېڭچۈن بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا قەلەم تەۋرىتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى. 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تاۋ رەن تېخى پۇخادىن چىقمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن دۈيليەن سەنئىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا سەنئىتىدىكى گۆھەر، ئىككىسى بىرلەشكەندە ھەم دۈيليەننىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ ھەم خەتتاتلىقنىڭ تاشقى گۈزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەت جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە».

  شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسى داۋاملىق قوبۇل قىلغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ گېزىت چىقىرىدۇ، يۇغۇرما تەپەككۇر ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت ھەمتۈرتكىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، دەل جايىدا پىلانلاپ، پارتىيە گېزىتى ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەر، تېخىمۇ يېڭى ئىجادىيەت، تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ئارقىلىق ھەر مىللەت قوبۇل قىلغۇچىلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.



مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى

  1- دەرىجىلىك مۇكاپات
  
  تاۋ جېڭخۇا يىپەك يولى راۋانلىشىپ ياۋروپا- ئاسىيا گۈلگە پۈركەندى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى
  
  2- دەرىجىلىك مۇكاپات
  
زو يۈچۈەن خاسىيەتلىك قار ئاسايىشلىققا تولغان بىپايان زېمىننى قوينىغا ئالدى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى

  ۋاڭ مىڭشيەن تاڭ شەپىقى تاراتقان ئىللىق نۇر تاغ- دەريالارغا ھۆسن قوشتى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى

  3- دەرىجىلىك مۇكاپات

  جاۋ يىڭ سۆسۈن تۇماندا گۈزەل تاغ- دەريالار نامايان بولدى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى

  لۈ پېڭفېي زېمىن شانلىق نۇرغا پۈركىنىپ گۈزەل تۈسكە كىردى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى

  ئايزۆھرە ئەنۋەر قۇتلۇق بۇلۇت بەختنى مۇجەسسەملەپ ئاۋام شادلاندى، باھار شامىلى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى
خەتتات تاۋ رەن نەق مەيداندا قەلەم تەۋرەتمەكتە. (مۇخبىرىمىز ۋاڭ چېن فوتوسى)
  خەتتات لى جىشۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چۈنليەننى يازماقتا. (مۇخبىرىمىز چىن مېيخۇا فوتوسى)
  خەتتات سۈي فېڭچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چۈنليەننى يازماقتا. (مۇخبىرىمىز چىن مېيخۇا فوتوسى)
   ئۆسمۈر خەتتات ھەۋەسكارى جەي يۈشيەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چۈنليەننى يازماقتا (مۇخبىرىمىز چىن مېيخۇا فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مېھرىگۈل